شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىككى قۇرۇلتاي ھەققىدە قىسقىچە ئانالىز


2008.01.15

ئاپتونوم رايونلۇق 10 ‏- نۆۋەتلىك سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 1 ‏- قېتىملىق ئومۇمى يىغىنى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق 11 ‏- نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 1 ‏- قېتىملىق ئومۇمى يىغىنى بىر كۈن پەرق بىلەن ئارقا ‏- ئارقىدىن ئۈرۈمچىدە ئېچىلىشقا باشلىدى.

بۇندىن بىرقانچە كۈن بۇرۇنلا خىتاي ھۆكۈمىتى، سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتنىشىدىغان 476 نەپەر ۋەكىل بىلەن، خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان 550 نەپەر ۋەكىلنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. راستىنى ئېيتسام، تىزىملىكتىكى "ۋەكىللەر " نىڭ مىللىي تەركىبىگە قاراپ بىر ئاز ھەيران بولدۇم، چۈنكى ھەر ئىككى قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىللىرى ئىچىدە ئۇيغۇر "ۋەكىللەر " نىڭ سانى خېلىلا ئېغىر سالماقنى ئىگىلىگەن ئىدى. مەسىلەن، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 550 نەپەر ۋەكىلىنىڭ 230 نەپىرىدىن كۆپرەكى ئۇيغۇر بولۇپ، مېنىڭچە بۇ قېتىملىق خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر " ۋەكىل " نىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي دېيىشكە بولىدۇ.

" ۋەكىللەر ' نىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى بارمۇ ؟

سىياسى كېڭەشنى قويۇپ تۇرايلى، ئاتالمىش " خەلق قۇرۇلتىيى ' نى ئېلىپ ئېيتساق، ماھىيەتتە بۇ ئورگان قورچاق پارلامېنت بولۇپ، سىياسى ئورنى ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى قورچاق رەئىستىن تارتىپ نازىرغىچە، ۋىلايەتنىڭ ۋالىسىدىن ناھىيىنىڭ ھاكىمىغىچە، ھەتتا يېزا ‏- كەنت باشلىقلىرىغىچە ھەممىسى مانا شۇ " خەلق قۇرۇلتىيى " دەپ ئاتالغان قورچاق پارلامېنت تەرىپىدىن "سايلاپ " چىقىلىدۇ ياكى تەستىقلىنىدۇ، شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن يەرلىك قانۇن، نىزام، پرىنسىپلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئورگان تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلىدۇ ۋە ماقۇللىنىدۇ. مەن ۋەتەندە مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىلىمدە، 7 يىل ئۇدا ئىككى قۇرۇلتايغا ۋە بۇ ئىككى قۇرۇلتاينىڭ دائىمىي كومىتېت يىغىنلىرىغا قاتناشقىنىم ئۈچۈن، بۇ قۇرۇلتايلارنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى ۋە ئاتالمىش " ۋەكىللەر " نىڭ بارلىققا كېلىش جەريانىدىن خېلى ئەتراپلىق خەۋىرىم بار.

" ۋەكىل " تاللاش مەسىلىسىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەرىپىدىن بىكىتىلگەن ۋە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۆزگەرمەي ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلگەن مۇقىم بىر سېستىما بار، بۇ سېستىما بۇيىچە، ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پارتىيە ‏- ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ، نازارەت ۋە كومىتېتلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، بىڭتۇەن قارمىغىدىكى ھەرقايسى دېۋىزىيىلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، شۇنداقلا ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە ھەتتا ناھىيىلەرنىڭ غوللۇق مەنسەپدارلىرى سايلامسىز ۋە ئاپتوماتىك ھالدا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى قىلىپ بىكىتىلىدۇ، بۇلارنىڭ سانى ئادەتتە ئومومىي " ۋەكىل " لەرنىڭ 40 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ شەخىسلەر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئىنچىكىلىق بىلەن تەكشۈرۈشى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىۋاستە تەيىنلىشى بىلەن تۇرغۇزۇپ چىقىلغان سىياسى جەھەتتە ئەڭ ئىشەنچلىك كىشىلەر بولغىنى ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بۇ شەخىسلەرنىڭ ھېچ بىرىگە ئېتىراز بىلدۈرۈش ھوقۇقى يوق.

قالغان 50 ‏- 60 پىرسەنت " ۋەكىل " نى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى تەرىپىدىن ناغرا ‏- سۇناي سادالىرى ئىچىدە شەكىلگە " سايلام " ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ ئاتالمىش " سايلام " لارغا قاتنىشىدىغان ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ ھەممىسىلا ۋىلايەت، ناھىيە ۋە يېزىدىن ئىبارەت 3 دەرىجىلىك پارتىيە ‏- ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن تاللاپ بىكىتىلگەن كىشىلەر بولۇپ، پۇقرالارنىڭ بۇ زورلاپ تېڭىلغان " نامزات " لاردىن باشقا كىشىنى سايلاش ھوقۇقى يوق، ھۆكۈمەت كىمنى كۆرسەتكەن بولسا، شۇنىڭغىلا ئاۋاز بېرىشىڭىز لازىم، ئەگەر سايلام جەريانىدا بۇ " ۋەكىل نامزاتلىرى " غا قارىتا ئېتىراز بىلدۈرسىڭىز، " ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلاشتى " دېگەن قالپاقنى بېشىڭىزغا كىيىپ، ھاياتىڭىز بۇيىچە سايلام مەيدانىغا يېقىن يولىيالماي ئۆتۈپ كىتىسىز. بۇ " ۋەكىل " لەرنى تۇرغۇزۇشتا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە بىر‏- ئاز ھوقوقمۇ بېرىلگەن بولۇپ، مەسىلەن ۋىلايەت ۋە ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ يۇقارقىدەك غەيرى دېموكراتىك ئۇسۇلدا بېكىتىلگەن " ۋەكىل " لەرنىڭ ئىچىدە كۆزىگە سىغمىغانلىرىنىڭ " ۋەكىللىك " سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇق ‏- تۇققان، دوست ‏- بۇرادەر ۋە ھەقەمسايىلىرىنى تولۇقلاپ كىرگۈزۈش سالاھىيىتى بېرىلگەن. دېمەك، بۇ ئاتالمىش " ۋەكىل " لەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

" ۋەكىل " لەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كومپارتىيە ئەزالىرىدىن ئىبارەت

خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا يۇقارقى ئىككى قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان " ۋەكىل " لەرنىڭ پىكىر ۋە ھەرىكەت جەھەتتە كومپارتىيە بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە بىردەكلىكىنى ساقلاش ۋە خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولغان يەرلىك قانۇنلارنى توسالغۇسىز ھالدا تىز سۈرئەتتە تۇرغۇزۇپ ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە، سادىق كومپارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىن " ۋەكىل " تاللاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە، شۇڭا ھازىرغا قەدەر يۇقارقى ئىككى قۇرۇلتاينىڭ، بولۇپمۇ خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا تاللاپ چىقىلغانلارنىڭ تەخمىنەن 60 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى كومپارتىيە ئەزالىرى تەشكىل قىلماقتا، شۇڭا، سىياسى تەركىبىگە قارىغان ۋاقتىمىزدا، پارتىيە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى بىلەن، خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئوتتۇرىسىدا ئانچە چوڭ بىر پەرق يوق.

" ۋەكىللەر " ئىچىدىكى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرلەر ۋە رابىيە قادىرلار

خىتاي ھاكىمىيىتى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆزىنى بۇياش مەقسىتىدە، ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنگەن، يۈكسەك دەرىجىدە ئىناۋىتى ۋە ھۆرمىتى بار شۇنداقلا ئۆز خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان بەزى ئۇيغۇر زاتلىرىنىمۇ يۇقارقى ئىككى قۇرۇلتايغا ۋەكىل قىلىپ كىرگۈزۈش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ كەلمەكتە، مەسىلەن، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدە تەخت قۇرغان مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى مەرھۇم ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى مىللىي رەھبىرى ۋە مەنىۋىي ئانىسى رابىيە قادىر ۋە شۇلارغا ئوخشىغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى بەزى مەشھۇر شەخىسلەرمۇ ئەينى چاغدا ئىككى قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىللىرى، يەنە كېلىپ قۇرۇلتاي دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرى ئىدى، ئەمما ئۇلارنىڭ " ۋەكىللەر " ئىچىدىكى سانى پەقەتلا سىمۋول خاراكتېرلىك بولۇپ، ئومومىي ۋەكىللەر سانىنىڭ 2 ‏- 3 پىرسەنتىگىمۇ بارمايتتى. خىتاينىڭ بۇنىڭدىكى مەقسىتى، بىرىنچىدىن، ئۆزلىرىنى قانداقتۇر ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن سۆيۈلگەن ۋە ئېتىراپ قىلىنغان زاتلارغا گويا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقاندەك قىلىپ كۆرسىتىش، ئىككىنچىدىن ، بۇ شەخىسلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى يۈكسەك ئابرويى ۋە ئىجابىي تەسىرىدىن پايدىلىنىپ يەرلىك خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۆزلىرىگە مايىل قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى، ئەمما ھازىرغا قەدەر خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ جەھەتتە ھېچ بىر زامان ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسىتىگە يىتەلمىدى، چۈنكى بۇ زاتلار شۇنچە زور سىياسىي بېسىم ۋە تەھدىتلەرگە قارىماستىن، ھەر زامان ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداشقا، ئۇلارنىڭ يۈرەك سادالىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە تىرىشىپ كەلدى ۋە بۇ جەرياندا زور بەدەللەرنى تۆلىدى، بۇ ئىككى زاتنىڭ ھازىر ئۆز خەلقى ئىچىدە مەڭگۈلۈك سۆيگۈگە ئىگە بولۇشى، ماھىيەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ۋەكىللىرىگە بەرگەن ئەڭ ئالى مۇكاپاتى ۋە ئىلتىپاتىدۇر !

نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر " ۋەكىللەر " نىڭ سانى ئالاھىدە كۆپەيتىلدى ؟

بۇ قېتىم چاقىرىلغان خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى خېلىلا كۆپ، ھەتتا خىتايلار زىچ ئولتۇراقلاشقان بەزى رايونلاردىمۇ " ئۇيغۇر ۋەكىللەر " نى تەيىنلەشكە ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، مەسىلەن ئۈرۈمچىدىن تاللانغان 77 نەپەر " ۋەكىل " نىڭ 31 نەپىرى ئۇيغۇر، قىزىق يېرى خىتاينىڭ ئۇۋىسى ھېسابلانغان شىخەنزىدىن تاللانغان 15 " ۋەكىل " نىڭ ئىچىدە 3 نەپەر، خىتاي خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىدىن تاللانغان 25 نەپەر " ۋەكىل " نىڭ ئىچىدىمۇ 4 نەپەر ئۇيغۇر بار.

ئەلۋەتتىكى، سىرتقى كۆرۈنۈشتىن قارىغاندا، ئۇيغۇر " ۋەكىل " لەرنىڭ سانىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى بىر ئىجابىي يۈزلىنىش دېيىشكە بولىدۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە زور خەۋپكە دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، كومپارتىيىنىڭ ئەمرى بۇيىچە قول كۆتۈرۈشتىن باشقا رولى بولمىغان ئىككى قۇرۇلتايدا ئۇيغۇر " ۋەكىل " نىڭ سانىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى، قانداقتۇر خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىۋاتقان غەمخورلۇقى دەپ چۈشىنىش تولىمۇ ئاخماقلىقتۇر !

مېنىڭچە بولغاندا بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇكى، كېيىنكى يىللاردىن بۇيان چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتى مىسلىسىز دەرىجىدە زورايدى ۋە جانلاندى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا سىياسىي سەھنىلەردىكى تەسىرى كۈچەيدى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھازىر خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرىنىڭ موھىم كۈنتەرتىپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تالاش ‏- تارتىشلار كۆپەيدى، پەقەتلا ئۆتكەن يىلدىن بۇيان ئامېرىكا پارلامېنتىدا ۋە ياۋروپا پارلامېنتلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس بىرقانچە قېتىم گۇۋاھلىق يىغىنلىرى ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلدى، ھەتتا تېخى يېقىندا خىتاينىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ سودا شىرىكى ھېسابلانغان گېرمانىيىنىڭ فېدىرال پارلامېنتىدىمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە ھازىرلانغان مەخسۇس قارار لايىھەسى مۇزاكىرىگە ئېچىلدى .

دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارادا جانلىنىشى، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت ‏- ئېتىبارىنىڭ شەرقىي تۈركىستان رايونىغا مەركەزلىشىشىگە سەۋەبچى بولماقتا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يىل بېيجىڭدا چاقىرىلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىغا قارشى خەلقئارالىق ھەرىكەت جەريانىدىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقوق مەسىلىسى بۇ ھەرىكەتنىڭ مەركىزى تېمىلىرىنىڭ بىرى، قىسقىسى، خىتاي ھاكىمىيىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خەلقئارانىڭ زور بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە، بۇ خىل بېسىم، خىتاي ھاكىمىيىتىنى شەكىل ئۈچۈن بولسىمۇ بەزى قەدەملەرنى بېسىشقا مەجبۇر قىلماقتا، بۇ قېتىمقى ئىككى قۇرۇلتايدا ئۇيغۇر " ۋەكىللەر " سانىنىڭ روشەن دەرىجىدە كۆپەيتىلگەنلىكى، بۇنىڭ دەسلەپكى ئىشارەتلىرىدىن ئىبارەت.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.