شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى مەزگىلدە ھۆكۈمەت ئۈرۈمچىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن ھەمدە ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ يولىنى توساش ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھىرىگە كىرىدىغان ھەر قايسى يول ئېغىزلىرىغا چارلاش ساقچىلىرىنى قويغان.
شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، يىغىن مەزگىلىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى كۆپ مىقداردىكى ساقچىلارنى، ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە يىغىن ئېچىلىۋاتقان خەلق سارىيىنىڭ ئەتراپلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان ھەمدە بەزىلىرىنى ئۈرۈمچى شەھىرىگە كىرىدىغان ھەر قايسى ئاساسلىق يوللارنى چارلاش ۋە تەكشۈرۈش ئىشلىرىغا قويغان.
گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ج خ ئىدارىلىرى يەنە ساقچىلارنى، يىغىن مەزگىلىدە ئۈرۈمچىگە ئەرز سۇنۇشقا بېرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە ئاجراتقان. ناۋادا بىڭتۈەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كوللىكتىپ ئەرز قىلىش ئەھۋالى بايقىلىپ قالسا، ساقچىلارنىڭ ئۇلارنى دەرھال قولغا ئېلىش ھوقۇقى بولىدىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى ھەر قېتىملىق يىغىن مەزگىلىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالاھىدە كۈچەيتىدىغان بولۇپ، ھەتتا ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا نەچچە ماشىنا قوراللىق ساقچىلارنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. (پەرىدە)