ئۇيغۇر ئېلىدىكى 4 بىمارنىڭ قۇش زۇكىمى ئەمەسلىكى ئېنىقلاندى

ئۇيغۇر ئېلىدە قۇش زۇكىمى كېسىلى تارقىلىپ ھازىرغىچە بولغان مەزگىلدە، 4 كىشىدە قۇش زۇكىمى ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن. ئەمما مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەكشۈرۈشتىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانمىغانلىقىنى ئېنىقلىدى.

بۇ يىل قىش كېلىشى بىلەن، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 9 يېرىدە قۇش زۇكىمى بايقالغان ئىدى. شۇندىن باشلاپ بۇ يۇقۇم رايونلار قامال قىلىنىپ، بۇ يەردىن 3 كىلومېتىر كېلىدىغان جايلاردىكى ئۆي قۇشلىرى ئۆلتۈرۈلگەن. ھازىر ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 4 يۇقۇم رايونىنىڭ قامال قىلىنىشى بىكار قىلىنىپ، ئۆي قۇشلىرى سودىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

بۇ ئارىدا خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، گەرچە ھازىر بۇ كېسەل بىر قەدەر كونترول قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن كېلەر يىلنىڭ بېشىدىكى باھار بايرىمىدا يەنە تارقىلىپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

كىشىنى ئەڭ ئەندىشىگە سالىدىغىنى، قۇش زۇكىمىنىڭ ئادەملەرگە يۇقۇپ قېلىشى بولۇپ، بۇ يىل 10‏- ئايدىن ھازىرغىچە خىتايدا جەمئىي 25 كىشى قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملىنىپ، 2 سى قازا قىلدى. (پەرىدە)