تۇرپاندا قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالدى

UyghurBirdflu010408-200.jpg
ئەجەللىك H5N1 تىپلىق قۇش زۇكامى ۋىرۇسى بايقلغان تۇرپاننىڭ خەرىتىدىكى كۆرۈنۈشى. RFA Photo >> خەرىتىنىڭ چوڭايتىلغان كۆرۈنۈشى

خىتاي دۆلەتلىك قۇش زۇكام ۋىرۇسى تەجرىبىخانىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت يولى ئىش باشقارمىسىنىڭ ئۈزۈمزار ئائىلىلىكلەر رايونىدىكى توخۇلاردا بايقالغان كېسەللىكنىڭ H5N1 تىپلىق ئەجەللىك قۇش زۇكام ۋىرۇسى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

2007 - يىلى 12 - ئاينىڭ 29 - يىلى ئىدىقۇت يولى ئائىلىلىكلەر رايونىدىكى بىر شەخسىنىڭ توخۇلىرى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، بۇ ۋەقە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. دۆلەتلىك قۇش زۇكام ۋىرۇسى تەجرىبىخانىسى 3 - يانۋار كۈنى توخۇلارنىڭ ئەجەللىك قۇش زۇكام ۋىرۇسىدا ئۆلگەنلىكىنى مۇقىملاشتۇردى.

ئىدىقۇت يولى ئىش باشقارمىسىدىكى خادىملارنىڭ رادىئومىزغا ئەسكەرتىشىچە، مۇناسىۋەتلىك يەرلىك دائىرىلەر ۋەقە يۈز بەرگەن رايونلاردا ئۆي قۇشلىرىنى ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا. ئىدىقۇت ئىش باشقارمىسىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر خادىمى، تۇرپان شەھەر باشلىقىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا بارغانلىقىنى، ئۆي قۇشلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقان كىشىلەرگە سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ھازىرغا قەدەر 4850 ئۆي قۇشى ئۆلگەن بولۇپ، 29383 ئۆي قۇشى ئۆلتۈرۈلگەن. لېكىن بۇ خادىم، زۇكام ۋىرۇسى بايقالغان رايوندىكى تۇخۇلار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقان ئادەتتىكى پۇقرالارغا سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلغان ياكى بېرىلمىغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىكەن.

بۇ تۇرپان شەھىرىدە يېقىنقى 2 يىلدىن بېرى 2 - قېتىم ئەجەللىك قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ بايقىلىشىدۇر. ئىدىقۇت ئىش باشقارمىسىدىكى يۇقىرىقى خادىم، ھازىرغا قەدەر زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئادەملەرگە يۇقۇش ئەھۋالى بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇرپان شەھىرىدە قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر ئۇيغۇر ئىلىدىكى بەزى شەخسىي يەرلىك تور بەتلىرىدە تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن جۈمە كۈنىگە قەدەر ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا بۇ توغرىسىدا خەۋەر بېرىلمىگەن. (ئەركىن)