ئۇيغۇر ئېلىدە قۇش زۇكىمى ۋىروسى بايقالدى
2005.06.09
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چۆچەك شەھىرىدىكى بىر غاز فېرمىسىدا، ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا زور تەھدىد ئېلىپ كېلىدىغان قۇش زۇكىمى ۋىروسى (H5N1) بايقالدى.
رويتىرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي يېزا- ئىگىلىك مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى چۆچەكتىكى بىر غاز فېرمىسىدا قۇش زۇكىمى ۋىروسى تارقىلىپ، 400 دىن ئارتۇق غازنىڭ ئۆلگەنلىكى، مىڭدىن ئارتۇق غازدا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى يەنە، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن فېرمىدىكى 13 مىڭدىن ئارتۇق غازنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي يېزا- ئىگىلىك مىنسىتىرلىقى، ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ قامال قىلىش ۋە دىزىنفىكسىيە قىلىش قاتارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، ۋىروسنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
بۇنىڭ ئالدىدا قۇش زۇكىمى ۋىروسى چىڭخەي ئۆلكىسىدە تارقالغان ئىدى. 26 - ماي كۈنىگىچە، چىڭخەي ئۆلكىسىدە مىڭدىن ئارتۇق قۇش، قۇش زۇكىمى ۋىروسى بىلەن ئۆلگەن. ئەمما چىڭخەيدىكى قۇش زۇكىمىنىڭ ئادەملەرگە يۇققانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار يوق ئىدى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى روي ۋادىيا، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن قۇش زۇكىمىنىڭ ئادەملەرگە يۇقۇش ئىھتىماللىقىنى مۆلچەرلەشنىڭ قىيىنلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە خىتاي دائىرىلىرىنى بارلىق مۇداپىئە ۋاستىلىرىنى قوللىنىشقا چاقىردى.
قۇش زۇكىمى ۋىروسى سەككىز يىل ئاۋۋال خىتاي ۋە خوڭكوڭدىكى ئائىلە قۇشلىرىدا تۈنجى بولۇپ بايقالغان بولۇپ، 2003 - يىلى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا كەڭ تارقىلىپ، 50 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. (ئارزۇ)