ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چۆچەك شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر غاز فېرمىسىدا قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، مەزكۇر زۇكام ۋىرۇسى ئەمدى سانجىدىكى بىر ئۆي ھايۋانلىرى فېرمىسىدا بايقالغان.
خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى سانجىدا قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا مەلۇم قىلغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغان فېرمىدا 128 غاز مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان، ھازىرغا قەدەر 63 غاز ئۆلگەن. دائىرىلەر مەزكۇر پېرمىدىكى 1500 توخۇ ۋە غازنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ب د ت قارمىقىدىكى زىرائەت ۋە يىمەك - ئىچمەك ئورگىنىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى زۇكام ۋىرۇسىنىڭ كونترول قىلىنغانلىقىنى شۇنداقلا ھازىرغا قەدەر ئادەملەرگە يۇقۇش ئەھۋالى بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ۋەقە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە 2 - قېتىم بايقىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر ۋىرۇس بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى چۆچەك شەھىرىنىڭ 30 كىلومېتىر نېرىسىدىكى بىر غاز فېرمىسىدا بايقالغان. دائىرىلەر، چۆچەك شەھىرىدىكى ئۆي ھايۋانلىرى بازىرىنى تاقىغان ئىدى. "
"ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتى دېھقانلارنى ئادەملەرگە ئىشلىتىدىغان ئانتى- ۋىرۇس دورىسىنى قۇش زۇكام ۋىرۇسىغا قارشى ھايۋانلارغا ئىشلىتىشكە تەرغىپ قىلغان، دەپ گۇمانلىنىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى "ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىنىڭ توغرىلىقىنى رەت قىلدى. ئەمما شۇنداقتىمۇ يەنىلا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)