ئۈرۈمچىگە يېقىن جايدا 100 توخۇنىڭ ئۆلگەنلىكى بايقالدى


2005.11.09

يېقىندا ئۈرۈمچىگە يېقىن جايدا 100 نەچچە توخۇنىڭ ئۆلگەنلىكى بايقالغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قوماندانلىق ئورنى پۈتۈن شەھەر بويىچە قۇش زۇكىمىدىن مۇداپىئەلىنىش سېپىگە ئۆتۈشكە چاقىردى. ئەمما ئۇلار بۇ ئۆلگەن توخۇلارنىڭ قۇش زۇكىمى ئەمەسلىكىنى ھەمدە ئۈرۈمچىنىڭ ئەتراپىدا ھازىرغىچە قۇش زۇكىمى كېسىلىنىڭ بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمما خەلقئارا تەشكىلاتلار خىتاينى كۆپ قېتىم مۇشۇنداق جىددىي كېسەللىكلەرگە ئائىت ئۇچۇرلارنى يوشۇرغانلىقى بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەن بولۇپ، ھەتتا ئالدىنقى يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى يوشۇرغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەلۇم بىر رايونىدا بايقالغان ئېغىز- تۇياق كېسىلىمۇ، رادىئومىز تەرىپىدىن تۇنجى بولۇپ ئاشكارىلانغان ئىدى.

قۇش زۇكىمى كېسىلى ئۇيغۇر ئېلىدە 2004 - يىلى ئەتىيازدا بىر بايقالغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەسىرىدە ئۇرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۆزىلا 100مىليون يۈئەنگە يېقىن ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىغان ئىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.