ئۇيغۇر دىيارىدا قۇش زۇكىمى تارالغانلىقى مەلۇم بولماقتا
2005.11.14
مەركىزىي ئاگېنتلىقنىڭ 14 - نويابىر كۈنى خوڭكوڭدا چىقىدىغان ئاممىۋى گېزىتنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراشلىق ئۈرۈمچى ناھىيىسى بىلەن قەشقەر رايونى ئەتىراپىدىكى بىر قىسىم ناھىيىلەردە قۇش زۇكىمى كېسەللىكى پەيدا بولغان.
خىتاي مەتبۇئاتلىرى ھازىرغا قەدەر ، بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇر ئېلان قىلمىغان بولۇپ، ئاممىۋى گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەھىيە تارماقلىرى قۇش زۇكىمى تارالغان مەزكۇر رايونلاردا كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، 13 - نويابىر كۈنىگە قەدەر 200 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي قۇشلىرىنى ئۆلتۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى 12 - نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ، ئۈرۈمچىدە قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، بىراق مەزكۇر مىنىستىرلىقمۇ بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىغا چېگرىداش 8 دۆلەتتە قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، بۇنىڭدىن سىرت، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەتراپىدىكى ئىچكى موڭغۇل، چىڭخەي، گەنسۇ قاتارلىق جايلارمۇ قۇش زۇكىمى بايقالغان جايلاردىن بولغاچقا، ئۇيغۇر ئېلى قورشاۋ ئىچىدە قالغان ، بۇ سەۋەبلىك مۇداپىئەلىنىش خىزمەتلىرى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۈرۈمچىگە يېقىن جايدا 100 توخۇنىڭ ئۆلگەنلىكى بايقالدى
- قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىشىغا تاقابىل تۇرۇدىغان پروگرامما ھازىرلاندى
- ب د ت خىتاينى قۇش زۇكام ۋىروسىغا قارشى دورىلارنى ئۆي قۇشلىرىغا ئىشلەتمەسلىككە ئاگاھلاندۇردى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سانجى ئوبلاستىدا قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالدى
- خىتاي، د س ت نىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلمىدى