ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يەنە قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالدى


2005.11.15

خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پوسكام ناھىيىسى ۋە ئۈرۈمچى ناھىيىسى قاتارلىق ئىككى جايدا خەتەرلىك قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغان.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئىككى ناھىيىدە ھازىرغىچە 6547 توخۇ مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ 2747 سى ئۆلگەن. شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، بۇ ئىككى جايدىكى قۇش زۇكام ۋىرۇسى 9 - نويابىردا بايقالغان. بۇ قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېقىنقى 5 ئاي ئىچىدە 3 - قېتىم بايقىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بېيجىڭ دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى خىتاي بويىچە نەچچە مىليارد ئۆي قۇشىغا ۋاكسىنا ئۇرۇدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ۋاكسىنىغا كېتىدىغان پۈتۈن خىراجەتنى ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالىدىكەن.

بۇ يىل 5 ۋە 6 - ئايلاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سانجى ۋە چۆچەك قاتارلىق جايلىرىدا قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بۇ رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمىغان.

خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى پوسكام بىلەن ئۈرۈمچىدە قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا چىقىدىغان خىتاي مەتبۇئاتلىرى سەيشەنبە كۈنگىچە بۇ توغرىسىدا ھېچقانداق خەۋەر بەرمىدى. پەقەت "تەڭرى تاغ" تورى ئاپتونوم رايوندا قۇش زۇكام ۋىرۇسىغا قارشى 3 تېلېفون لىنىيىسى تەسىس قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

ئۈرۈمچى بىلەن پوسكامدا قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقىلىشىتىن ئىلگىرى بۇ خىل ۋىرۇس ئەنخۇي، خۇنەن، خۇبېي، لياۋنىڭ ۋە ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلاردا بايقالغان . شۇنداقلا خۇنەندە 12 ياشلاردىكى بىر قىز بۇ كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلگەن ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.