خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پوسكام ۋە ئۈرۈمچى ناھىيىلىرىدە قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى جاكارلاپ ئۇزۇن ئۆتمەي، پەيشەنبە كۈنى خوتەندە قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەزكۇر ۋىرۇس خۇبېيدىمۇ بايقالغان. بۇنىڭ بىلەن قۇش زۇكام ۋىرۇسى يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە خىتاي بويىچە 13 جايدا بايقالغان بولدى.
شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خوتەندە بايقالغان ۋىرۇس خوتەن شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا بايقالغان بولۇپ، 32 قۇش مەزكۇر ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەن. خىتاي دائىرىلىرى، خوتەن بىلەن خۇبېيدا بايقالغان ۋىرۇسنىڭ ھ5ن1 تىپلىق ۋىرۇس ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.
شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، خوتەن بىلەن خۇ بېيدا ۋىرۇس بايقالغان جاينىڭ 3 كىلومېتىر ئەتراپىدا ياشايدىغان بارلىق قۇشلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. خوتەندە 215،86 قۇش ئۆلتۈرۈلگەن. بىراق شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، خوتەندە مەزكۇر ۋىرۇسنى يۇقتۇرۇۋالغان بولۇشى مۇمكىن، دېگەن گۇمان بىلەن كۆزىتىش ئاستىغا ئېلىنغان ئادەملەر بار - يوقلىقىنى تىلغا ئالمىدى.
بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەنخۇيدا 24 ياشلاردىكى بىر ئايالنىڭ قۇش زۇكام ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغانلىقىنى جاكارلىغان.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بولسا، ۋىرۇسنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئادەمگە يۇقۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى چەتكە قاقمىدى. بۇنىڭ ئالدىدا 12 ياشلاردىكى ئەنخۇيلىك بىر قىز مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەن. (ئەركىن)