ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 4 - قېتىم قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالدى


2005.11.18
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي دائىرىلىرى جۈمە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۈرۈمچى ناھىيىسى، پوسكام ۋە خوتەنلەردىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ، قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە 4 - قېتىم بايقىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئۈرۈمچى بىلەن بىرگە شەنشىدىمۇ بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ، خىتاي بويىچە قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقىلىش ۋەقەسىنىڭ 19 غا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرى زۇكام ۋىرۇسى ئۆي قۇشلىرى بىلەن يېقىندىن ھەپىلەشكەن ئىككى ئادەمدە بايقالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 12 ياشلىق بىر قىزنىڭ مەزكۇر ۋىرۇس تۈپەيلىدىن ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بولسا، خىتاي دائىرىلىرىنى جىددىي ئاگاھلاندۇرماقتا. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باياناتچىسى ۋادىيا بۇنىڭ خىتايدا تارقىلىشىدىن "ھەيران قالمايدىغانلىقىنى" ئەسكەرتىپ، خۇنەندە تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ مەزكۇر ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى بارلىقىنى چەتكە قاقمىدى.

شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۈرۈمچىدە 8 ئۆي قۇشى 12 - نويابىر كۈنى يېڭى بايقالغان قۇش زۇكام ۋىرۇسىدا ئۆلگەن. جوڭگو مەملىكەتلىك قۇش زۇكام ۋىرۇسى تەجىرىبىخانىسى، ئۆلگەن قۇشلارنىڭ H5N1 تىپلىق زۇكام ۋىرۇسىدا ئۆلگەنلىكىنى ئېنىقلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا مەملىكەت بويىچە 14 مىليارد ئۆي قۇشىغا ۋاكسىنا ئۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.