قۇش زۇكىمى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە 400 مىڭدىن ئوشۇق ئۆي قۇشى ئۆلتۈرۈلدى
2005.11.20
قۇش زۇكىمى كېسىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پوسكام، ئۈرۈمچى ۋە خوتەنلەردە بايقالغاندىن كېيىن، ھازىرغىچە بۇ رايونلارنىڭ ئەتراپىدىكى 3 كىلومېتىر يىراقلىققىچە بولغان جايلاردىن 400 مىڭدىن ئوشۇق توخۇ، ئۆردەك قاتارلىق ئۆي قۇشلىرى ئۆلتۈرۈلدى. لېكىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ كېسەلنىڭ ھازىرغىچە ئادەملەردە بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاي يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچىدە بايقالغان قۇش زۇكىمى ئاساسلىقى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ داۋان يېزىسى ئۇلانباي كەنتىدە ۋە ئۈرۈمچى ناھىيىسىنىڭ ئەننىڭچۈ دېگەن جايلىرىدا كۆرۈلگەن ھەمدە ئەننىڭچۈدىلا ئۆلتۈرۈلگەن ئۆي قۇشلىرىنىڭ سانى 350 مىڭغا يەتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئەننىڭچۈدە 100 دىن ئوشۇق توخۇ فېرمىسى بار بولۇپ، بۇ توخۇلار ئاساسلىقى، ئۈرۈمچى ۋە قاراماي شەھەرلىرىدە سېتىلىدىكەن.
ھازىرغىچە قۇش زۇكىمى ئۇيغۇر ئېلىدىن باشقا يەنە، خىتاينىڭ لياۋنىڭ، خۇنەن، خۇبېي، ئىچكى موڭغۇل، شەنشى ۋە ئەنخۇي ئۆلكىلىرىدىمۇ بايقالدى.
خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۆي قۇشلىرىنى بېقىش سانائىتىگە ئىگە دۆلەت بولۇپ، بۇ يەردە نەچچە مىليارد ئۆي قۇشلىرى كۆلىمى كىچىك جايلاردا قىستا-قىستاڭچىلىق ئىچىدە بېقىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتايدىكى فېرمىلار ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراق جايلىرىغا ناھايىتى يېقىن بولغاچقا، ھازىر سەھىيە تەشكىلاتلىرى بۇ كېسەلنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدا جىق تارقىلىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. (پەرىدە)