ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېقىندىن بېرى ئارقا ئارقىدىن H5N1 تىپلىق قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغاندىن كېيىن، بۇ قېتىم مەزكۇر ۋىرۇس ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ داۋانچىڭ شەھىرىگە كېڭەيدى.
خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېتىراپ قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىنىڭ 40 كىلومېتىرلارچە شەرقىدىكى داۋانچىڭدا قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغان.
خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا ئەسكەرتىشىچە، داۋانچىڭدا ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى 38 ئۆي قۇشى قۇش زۇكام ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۆلگەن. خىتاينىڭ مەملىكەت قۇش زۇكام ۋىرۇسى تەجرىبىخانىسى ئۆي قۇشلىرىنىڭ H5N1 تىپلىق قۇش زۇكام ۋىرۇسىدا ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.
يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، مەزكۇر زۇكام ۋىرۇسىنىڭ داۋانچىڭ بىلەن بىرگە نىڭشيا تۇڭگان ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى يىڭچۈئەن ۋە يۈننەننىڭ چۈيشيوڭ شەھەرلىرىدە بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. يەرلىك دائىرىلەر زۇكام ۋىرۇسى بايقالغان جايدىن 3 كىلومېتىرغىچە بولغان دائىرىدە ياشايدىغان ئۆي قۇشلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈپ تاشلىغان.
داۋانچىڭدا 8388 ئۆي قۇشى ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ يېقىنقى 3 ھەپتىدىن بېرى 5 - قېتىم بايقىلىشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەزكۇر ۋىرۇس ئۈرۈمچى، ئۈرۈمچى ناھىيىسى، پوسكام ۋە خوتەنلەردە بايقالغان ئىدى. قۇش زۇكام ۋىرۇسى داۋانچىڭدا ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى بايقالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا چىقىدىغان خىتاي مەتبۇئاتلىرى سەيشەنبە كۈنگىچە بۇ ھەقتە خەۋەر بەرمىدى. (ئەركىن)