ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مىچۈئەن شەھىرىدىمۇ قۇش زۇكىمى بايقالدى

خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مىچۈئەن شەھىرىدىمۇ يېڭىدىن قۇش زۇكىمى كېسىلى بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قۇش زۇكام كېسىلىنىڭ يېقىنقى 3 ھەپتىدىن بۇيان 6 - قېتىم بايقىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 15- نويابىر كۈنى مىچۈئەن شەھىرىنىڭ نيۇجۇئاڭزى يېزىسىدا 2000 دىن ئوشۇق ئۆي قۇشى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ھايۋانلارنى داۋالاش ئورۇنلىرى تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە، بۇ ئۆي قۇشلىرىنىڭ قۇش زۇكىمى كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلىكىنى ئېنىقلىغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھايۋانلارنى داۋالاش ئورۇنلىرى ھازىر قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بايقالغان جايدىن 3 كىلومېتىر يىراقلىققىچە بولغاي رايونلاردىكى ئۆي قۇشلىرىنى ئۆلتۈرۈش بۇيرىقى بويىچە ئىش كۆرمەكتە.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھازىر خىتاي بويىچە قۇش زۇكىمى كېسىلى ئەڭ كۆپ بايقىلىۋاتقان جاي بولۇپ، بۇنىڭ ئالدىدا قۇش زۇكىمى مىچۈئەندىن سىرت يەنە، ئۈرۈمچىنىڭ نەننىڭچۈ، ئۇلانباي ۋە داۋانچىڭ رايونلىرىدا ھەمدە پوسكام، خوتەنلەردە بايقالغان ئىدى.

نۆۋەتتە كىشىنى ئەڭ ئەندىشىگە سالىدىغىنى، قۇش زۇكىمى كېسىلىنىڭ ئادەملەر ئارىسىدا تارقىلىپ كېتىشى بولۇپ، 2003 - يىلىدا ئاسىيادا تارقالغان قۇش زۇكىمى ئاپىتىدە ئاز دېگەندە 60 كىشى قازا قىلغان ئىدى. (پەرىدە)