قۇش زۇكام ۋىرۇسى بۇ قېتىم پىچاندا بايقالدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا H5N1 تىپلىق ئەجەللىك قۇش زۇكام ۋىرۇسى داۋاملىق كېڭەيمەكتە. خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، يېقىندا تۇرپاننىڭ يار يېزىسىدا قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغاندىن كېيىن، بۇ قېتىم تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ پىچان ناھىيىسىدە 300 ئۆي قۇشى مەزكۇر زۇكام ۋىرۇسىدا ئۆلگەن.

خىتاي مەملىكەتلىك قۇش زۇكام ۋىرۇسى تەجرىبىخانىسى پىچاندا ئۆلگەن ئۆي قۇشلىرىنىڭ H5N1 تىپلىق زۇكام ۋىرۇسىدا ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. 11 - ئاي كىرگەندىن بېرى خوتەن، ئۈرۈمچى، داۋانچىڭ، تۇرپان، پوسكام قاتارلىق جايلاردا ئارقا - ئارقىدىن ئەجەللىك قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاي بويىچە قۇش زۇكام ۋىرۇسى ئەڭ كۆپ تارقالغان رايون بولۇپ قالدى.

قۇش زۇكام ۋىرۇسى 22 - نويابىردا بايقالغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى بۇ خەۋەرنى نېمە ئۈچۈن ئەمدى ئېلان قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن. ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى دائىرىلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، زۇكام ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش ۋەقەسى ئاپتونوم رايوننىڭ " ئىچكى مەخپىيەتلىكى" ھىسابلىنىدىكەن.

دائىرىلەر، پىچاندا قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغان جاينىڭ 3 كىلومېتىر ئەتراپىدا ياشايدىغان بارلىق ئۆي قۇشلىرىنى ئۆلتۈرگەن. خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، پىچان بىلەن بىرگە خۇنەننىڭ يوڭجۇ شەھىرىدىمۇ H5N1 تىپلىق زۇكام ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. يوڭجۇدا، 400 دەك ئۆي قۇشى مەزكۇر زۇكام ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۆلگەن. (ئەركىن)