قۇش زۇكىمى ئەمدى كۆنەستە بايقالدى

خىتاي دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى قۇش زۇكىمى ھەققىدە دوكلات بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆنەس ناھىيىسىنىڭ بەشتۆپە يېزىسىدا يېڭىدىن قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن خىتايدا بۇ يىل جەمئىي 30 قېتىم قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى كۆرۈلدى.

خىتاي يېزا‏-ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، كۆنەستىكى قۇش زۇكام كېسىلى 24‏- نويابىر كۈنى دەسلەپ بايقالغان بولۇپ، ئۇ چاغدا 300 يېقىن ئۆي قۇشلىرى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەن. كېيىن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە، بۇ قۇشلارنىڭ قۇش زۇكىمى كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلىكى ئېنىقلانغان.

بۇ يەردىكى ھايۋانلارنى داۋالاش پونكىتلىرى، بۇ كېسەل تارالغان رايوندىن 3 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايلاردىكى بارلىق ئۆي قۇشلىرىنى ئۆلتۈرگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھايۋانلارنى داۋالاش ئورگانلىرى ھازىرغىچە، قۇش زۇكىمى سەۋەبىدىن 1مىليون 180 مىڭ دانە ئۆي قۇشىنى ئۆلتۈرۈپ بولغان.

ئەمما كۆنەستىكى بۇ يېڭى قۇش زۇكام كېسىلى ئەھۋالى خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغانغا قەدەر، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھېچقايسى خەۋەر ۋاستىلىرىدا بېرىلمىگەن.

ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر قېتىم بۇ كېسەل بايقىلىپ ئاز دېگەندە 3-4 كۈندىن كېيىن، بولۇپمۇ بۇ ۋىرۇس تارالغان رايونلار كارانتىن ئاستىغا ئېلىنىپ يۇقۇملانغان ئۆي قۇشلىرى ئۆلتۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىلىپ كەلدى. (پەرىدە)