تۇرپان بىلەن پىچاندىكى قۇش زۇكىمى يۇقۇم رايونىنى كارانتىن قىلىش بىكار قىلىندى

ئىككى ھەپتە ئاۋال ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پوسكام ۋە ئۈرۈمچى ناھىيىلىرىدىكى قۇش زۇكىمى يۇقۇم رايونىنى قامال قىلىش بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، يېقىندا تۇرپان ۋە پىچاندىكى يۇقۇم رايونىنى كارانتىن قىلىشمۇ بىكار قىلىندى.

تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، تۇرپان ۋە پىچاندا قۇش زۇكىمى بايقالغاندىن كېيىن 21 كۈنگىچە يۇقۇم رايونى قامال قىلىنىپ، بۇنىڭ ئەتراپىدىكى 3 كىلومېتىر يىراقلىققىچە بولغان رايونلاردىكى بارلىق ئۆي قۇشلىرى ئۆلتۈرۈلگەن. شۇنداقلا فېرما ئىگىلىرى ئۇچرىغان زىياننى تۆلەم بېرىش ئۇسۇلى بىلەن بىر تەرەپ قىلغان.

قۇش زۇكىمى ئەھۋالى بۇ يىل 11‏-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، پوسكام، خوتەن، پىچان ۋە كۆنەس قاتارلىق جايلىرىدا بايقالدى. كىشىنى ھەممىدىن ئەندىشىگە سالىدىغىنى قۇش زۇكىمىنىڭ ئادەملەر ئارىسىدا تارقىلىپ كېتىشى بولسىمۇ ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە بۇ كېسەلنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئادەملەردە بايقالمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى خەلقئارانىڭ بېسىمى ئاستىدا، ئادەمدە بايقالغان بۇ خىل زۇكام ۋىرۇسى بىلەن گېن تۈزۈلمىسىگە دائىر ئۇچۇرلارنى تۇنجى قېتىم دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا تاپشۇردى. ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى سارس كېسىلى ئەھۋالىنى يوشۇرغانلىقى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن كۈچلۈك ئەيىبلەنگەن ئىدى. (پەرىدە)