ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خوتەن ناھىيىسىدە قۇش زۇكىمى بايقالدى


2006.06.08

خىتاي دېھقانچىلىق مىنىستىرلىقى ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوتەن ناھىيىسىدە قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 8 ‏- ئىيۇن كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي دېھقانچىلىق مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىشخانىسى باياناتچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خوتەن ناھىيىسى بۇزاق يېزىسىنىڭ تاش ئېرىق دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى بىر باقمىچى ئائىلىنىڭ ئۆي قۇشلىرى تۇيۇقسىز ۋە سەۋەبسىزلا ئۆلگەن.

خىتاي ئۆي قۇشلىرى تەجىرىبىخانىسى، ئۆلۈك ئۆي قۇشلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە تەجىرىبە قىلىش ئارقىلىق H5 N1 تىپتىكى قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن ئۆلگەنلىكىنى بايقىغان.

بىر يىلدىن بۇيان، خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يەنى سىچۈەن، ئەنخۇي، جېجياڭ، فۇ جىيەن، خۇ بېي، شاڭخەي قاتارلىق كۆپلىگەن ناھىيە ۋە شەھەرلىرىدە قۇش زۇكىمى بايقىلىپ، نۇرغۇنلىغان ئۆي قۇشلىرى ئۆلگەن ۋە H5N1 تىپلىق ۋىرۇسنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن گۇمانلىق دەپ قارالغان رايونلاردىكى كۆپلىگەن ئۇچار قۇشلار ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. قۇش زۇكىمى خىتايدا يالغۇز قۇشلاردىلا كۆرۈلۈپ قالماي، 16 ئادەمنىڭ مەزكۈر ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشىنى ھەمدە ئاز دىگەندە 12 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى مەيدانغا كەلتۈردى.

ئەجەللىك قۇش زۇكىمى كېسىلى ، 2003 ‏- يىلىدىن ھازىرغا قەدەر 115 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. بۇ كېسەل ئاساسلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە كۆپ كۈرۈلدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.