خوتەن ناھىيىسىدە جىددىي يۇقۇملۇق قۇش زۇكامى بايقىلىپ كونترول قىلىنغان

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاينىڭ يېز ئىگىلىك مىنىسىتىرلىكى 7 ‏- ئاينىڭ 4 ‏- كۈنى خوتەن ناھىيىسىدە خ 5 ن 1 بەلگىلىك جىددىي يۇقۇملۇق قۇش زۇكامى بايقىلىپ كونترول قىلىنغانلىقى ھەققىدە دوكلات تاپشۇرۇپ ئالغان. ئۇ دوكلاتتا 'كېسەللىك بايقالغان رايوندا كارانتىن قىلىش، دېزىنفېكسىيە قىلىش ئارقىلىق كېسەللىك تىز كونترول قىلىندى. شۇنداقلا كېسەللىك بايقالغان رايوندا ئۆي قۇشلىرى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن 21 كۈنگىچە يېڭى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىدى' دەپ بايان قىلىنغان ئىكەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، شىنجاڭدا ھايۋاناتلاردا كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرگە دائىر چوڭ ۋەقەلەرنى بىرتەرەپ قىلىش قوماندانلىق شىتابى دەپ ئاتالغان ئورگانمۇ 7 ‏- ئاينىڭ 2 ‏- كۈنى 'خوتەندە ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن كېسەللىك كونترول قىلىندى، بۇ ھەقتە بۇرۇن چىقىرىلغان جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى'دەپ جاكارلىغان. (ۋەلى)