ئاقسۇدا بايقالغان ۋىرۇسنىڭ قۇش زۇكامى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى

خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاقسۇ شەھىرىدە ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋىرۇسنىڭ H5N1 تىپلىق قۇش زۇكامى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئاقسۇ شەھىرى لەنگەر ئاھالىلار باشقارمىسىنىڭ يېشى لەنگەر ئاۋات رايونىدا 3000 دىن ئارتۇق توخۇ تۇيۇقسىز ئۆلگەن. خىتاينىڭ دۆلەتلىك قۇش زۇكام ۋىرۇسى تەجرىبىخانىسى ئۆلگەن توخۇلارنىڭ ئەجەللىك قۇش زۇكام ۋىرۇسىدا ئۆلگەنلىكىنى ئېنىقلىغان.

خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتى زۇكام ۋىرۇسى بايقالغان جايدا 35 مىڭدىن ئارتۇق توخۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. لېكىن زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئادەملەرگە يۇقۇش ئەھۋالى بايقالغان ياكى بايقالمىغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى. خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرى ئالغان ۋە كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ كونترول قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاي بويىچە ئەجەللىك قۇش زۇكام ۋىرۇسى ئەڭ كۆپ بايقالغان رايون بولۇپ، قۇش زۇكام ۋىرۇسى بۇ قېتىم ئاقسۇدا بايقىلىشتىن بۇرۇن خوتەندە كۆرۈلگەن ئىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ رايوندا ئادەملەرگە يۇقۇش ۋەقەسى ھازىرغىچە كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن زۇكام ۋىرۇسى تارقالغان رايونلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا دائىر تەپسىلىي دېتاللارنى ئېلان قىلىپ باقمىدى. (ئەركىن)