رابىيە قادىر نورۋىگىيە كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى


2004.09.24

rebiya_kadeer_portrait-75.jpg
نورۋىگىيە كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى "رافتو مۇكاپاتى" غا ئېرىشكەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنىڭ مۇكاپاتىنى ، ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن يولدىشى سىدىق ھاجى روزى بىلەن قىزى ئەقىدە سىدىق تاپشۇرىۋالىدۇ .

مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى نورۋېگىيەنىڭ بېرگېن دۆلەتلىك تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزىلىدىكەن . رافتو فوندى جەمئىيىتى ، مۇكاپات رابىيە قادىرنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ، بالىلار ۋە ئاياللار ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاساسى پرىنسىپلىرىنى قوغداش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى .رافتو فوندى جەمئىيىتى رابىيە قادىرغا مۇكاپات بېرىلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى ، ئۇيغۇرلارغا مەدەنىيەت ھوقۇقى ۋە دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقى بېرىلىشى كېرەك دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن .

رابىيە قادىر ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاياللارنى تەشكىللەپ "مىڭ ئانا شىركىتى" نى قۇرغان . بۇ يىللىق رافتو مۇكاپاتىنىڭ رابىيە قادىرغا بېرىلگەنلىكى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كەڭ يەر بېرىلدى . رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى نورۋېگىيە كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنىڭ خىتايدىكى يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە سىياسى مەھبۇسقا بېرىلگەنلىكى مۇھىم بىر ئىشارەت دەپ كۆرسەتتى . يەنە بەزى مەتبۇئاتلار ، رافتو مۇكاپاتىنىڭ نوبېل مۇكاپاتى يولىدىكى ئاخىرقى باسقۇچ ھىساپلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى . رابىيە قادىرنىڭ جازا مۇددىتى 2006 - يىلى 8 - ئايدا توشىدۇ. رابىيە قادىرنىڭ ئامېرىكىدىكى قىزى ئەقىدە سىدىق ، ئانىسىنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى .(ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.