كۆزەتكۈچىلەر: رابىيە قادىر نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق نامزاتى


2005.02.11

خەلقئارا سىياسىي مەسىلىلەر بويىچە ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىس دوكتور جېك ۋېللىر، ئامېرىكىدىكى "كونسىرۋاتىپلار ئاۋازى" ناملىق تور بېتىدە ماقالە يېزىپ، رابىيە قادىرنى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق نامزاتى، دەپ كۆرسەتتى. جېك ۋېللىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نوبېل مۇكاپاتىنى رابىيە قادىرغا بېرىش دۇنيانىڭ دىققىتىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە تارتىدىكەن شۇنداقلا خىتايدا ئېزىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارغا ئىسلام دۇنياسىنىڭ دىققىتى قوزغىلىدىكەن.

گروزىيە پرېزىدېنتى مايكېل شاكاشۋېلى، بېنگاللىق يازغۇچى تەسلىمە نەسرىن، ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى ۋىكتور يۇشىنكو قاتارلىقلار بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىرى. چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ قىلىشىچە، رابىيە قادىر بۇ يىلقى ياكى كېچىككەندە كېلەر يىلقى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىشى مۇمكىن.

جېك ۋېللىر مۇنداق دەيدۇ: "ئەمەلىيەتتە رابىيە قادىر نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلار چەمبىرىكى ئىچىدىكى شەخس. ئۇ يېقىندا كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى تۆھپىلىرى سەۋەبىدىن نورۋىگىيە رافتو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ مۇكاپات نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىشنىڭ مۇقەددىمىسى. رابىيە قادىر ئەڭ مۇۋاپىق نامزات بولۇشى مۇمكىن".

رابىيە قادىر ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئامېرىكا دائىرىلىرىگە تاپشۇرغان خىتاي تۈرمىسىدىكى 56 نەپەر سىياسى مەھبۇسنىڭ بىرى. ئۇ، 2000 - يىلى 3 - ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.