رابىيە قادىر خانىم، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چاقىردى


2005.03.20

ئۇ شەنبە كۈنى رويتىرس ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، "خىتاي بىلەن سودا قىلىۋاتقان تىجارەتچىلەر چوقۇم يۈرۈكىگە قول سېلىپ بېقىپ، ئۆزلىرىگە نېمىنىڭ ئەڭ مۇھىملىقىنى- پۇلنىڭمۇ، تىجارەتنىڭمۇ ياكى بىرسىنىڭ ھاياتىنىڭمۇ؟ شۇنى ئوبدان دەڭسەپ بېقىشى كېرەك" دېگەن. ئۇ يەنە، "مەن بىرسىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بارلىق تىجارىتىمدىن ۋاز كېچىشنى خالايمەن"، دەپ كۆرسەتكەن.

رابىيە قادىر خانىم ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى قويۇپ بېرىلىپ، ئامېرىكا دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ ھەمرالىقىدا ۋاشىنگتونغا يىتىپ كەلگەن ئىدى. رابىيە قادىر خانىمنىڭ رويتىرس ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى قويۇپ بەرگەندە، يەنە ئالتە بالىسىنىڭ خىتايدا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنى مەتبۇئاتلاردا سۆز قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.

ئەمما، رابىيە قادىر خانىم تۈرمە ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقىنى تەسۋىرلەپ، بولۇپمۇ سىياسىي جىنايەتچىلەرگە ھېچقانداق شەپقەت قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە تۈرمە خادىملىرىنى گەرچە ئۆزىگە تەگمىگەن بولسىمۇ، بىراق ياندىكى تۈرمىداشلىرىنى قىيناپ، ئۇنى قورقۇتۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئېيتقان.

رابىيە قادىر خانىم زىيارەتنىڭ ئاخىرىدا، "مەن خەلقىمگە يەنىلا ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى تەلەپ قىلىمەن. مەن خەلقىمنىڭ خىتايلارغا ئوخشاشلا بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن" دېگەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.