رابىيە قادىر قولغا ئېلىنىش سەۋەپلىرى ھەققىدە توختالدى
2005.03.25
ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن "داۋالاش ئۈچۈن كاپالەتكە بېرىش" نامى بىلەن قويۇپ بېرىلگەن كېيىن، ئامېرىكىغا سۈرگۈن قىلىنغان ئاتاغلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر، 1999 - يىلى 8 - ئايدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان چاغدىكى ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىدى.
رابىيە قادىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىش ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكىلى كېتىۋاتقاندا قولغا ئېلىنغان. رابىيە قادىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ قولغا ئېلىنغاندا " كۈمۈش ئاستانە" مىھمانخانىسىغا چۈشكەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكىلى كېتىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىلىقلارغا خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ تىزىملىكىنى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يازغان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ قانداق دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئەرزنامىسىنى تاپشۇرماقچىكەن.
بىراق، ئۇنىڭ يانچۇقىدىكى تىزىملىك ۋە ئەرزنامە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان. رابىيە قادىر، "كۈمۈش ئاستانە" مىھمانخانىسىغا يېتىپ باراي دېگەندە، ئۇنىڭ ئارقىسىغا چۈشكەن خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك نازارىتىنىڭ مەخپىي ساقچىلىرى تەرىپىدىن توسىۋېلىنغان ئىدى. مەخپىي ساقچىلار ئۇنى شۇ يەردە قولغا ئالغان. رابىيە خانىم قولغا ئېلىنغان چاغدىكى بۇ ئەھۋاللارنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئۇنىڭ شەرىپىگە ئۇيۇشتۇرغان كەچلىك كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا مۇخبىرىمىزغا ئاشكارىلىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى زۇلۇمغا قارشى بىر غەلىبە ھېساپلىنىدۇ
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى رابىيە قادىرنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
- رابىيە قادىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى دېموكراتىيىنى خىتاينىڭ غەربىي رايونىدا قانات يايدۇرۇشقا چاقىردى
- رابىيە قادىر خانىم، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چاقىردى
- رابىيە قادىر ۋاشىنگتوندا ئائىلىسى بىلەن جەم بولدى