ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى


2005.05.17

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى رابىيە قادىر ئائىلىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەھدىت قىلىنغانلىق ۋەقەسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى رىچارد بوچېر بۇ ھەقتە، "مېنىڭ قارىشىمىچە، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى، ئىككى تەرەپنىڭ رابىيەنى قويۇپ بېرىپ ئامېرىكىغا ئەۋەتىش يولىدا ئېلىپ بارغان ھەمكارلىق روھىغا دەخلى يەتكۈزگەن" دەپ بىلدۈردى.

شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ بىر نەپەر خادىمى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە رابىيە قادىرنىڭ ئامېرىكىدىكى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

13 - ماي كۈنى ئەتىگىنى رابىيە قادىر سودا سارىيىنى نەچچە يۈز خىتاي قوراللىق ساقچىلىرى قورشىغان ھەمدە 30 دەك قوراللانغان ساقچى سودا سارايدىكى ئەقىدە ھەسسىدارلىق شېركىتىگە بۆسۈپ كىرىپ، ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەتسىزلا، شېركەتنىڭ مال- مۈلۈكلىرىنى ئاختۇرۇپ، پۇل ۋە مۇھىم ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىنى ئېلىپ كەتكەن. شۇنداقلا رابىيە قادىرنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ساقچىلار تۇتماقچى بولغاندا قېچىپ كەتكەن ھەمدە ئۇنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.