رابىيە قادىر ۋاشىنگتوندىكى ئايال ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى


2005-05-18
Share
rabiye_wba.jpg
رابىيە خانىم مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ پرېزىدېنتى بىلەن بىللە.UAA

ئاتاغلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا، ئايال ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، يۈزدىن ئوشۇق مېھمانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

"يول باشلىغۇچى ئاياللار" دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىن ئاساسلىقى، ئامېرىكىدىكى ۋە پۈتۈن خەلقئارادىكى ئادالەت ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە جۈرئەت قىلغان ئاياللارنى تەقدىرلىگەن.

يىغىن رىياسەتچىسى يېقىندا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن رابىيە قادىر خانىمنى ئالاھىدە تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدىكى تۆھپىلىرىنى شەرھىلىگەن. شۇنداقلا يىغىنغا قاتناشقان بارلىق مېھمانلار ئۇنىڭ مەزكۇر يىغىنغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالغان.

ۋاشىنگتون ئايال ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى 1917 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق نىشانى، كەسپىي غۇرۇرنى ساقلاش، ئايال ئادۋوكاتلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە ياخشىلاش شۇنداقلا ئەزالار ئارىسىدىكى دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار. (پەرىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت