رابىيە قادىرنى كۈتىۋېلىش مۇراسىمى غەلىبىلىك ئاياقلاشتى
2005.05.20
19 - ماي كۈنى ئامېرىكىدىكى خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنى كۈتىۋېلىش مۇراسىمى غەلىبىلىك ئاياقلاشتى.
مۇراسىمغا ئامېرىكىنىڭ سابىق ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، خەلقئارا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ پرېزىدېنتى لورىن كرېينېر، خەلقئارا كەچۇرۇم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىدىكى ۋەكىلى ت. كۇمار، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالپ تېكىن ھەمدە خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىرى شۇنداقلا ئۇيغۇر ۋە تىبەت مېھمانلاردىن بولۇپ 200 دىن كۆپ كىشى قەدەم تەشرىپ قىلدى.
يىغىندا سۆز قىلغان خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورى بۇچۇڭ سېرىڭ، رابىيە خانىمنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەرنىڭ ئوخشاش قىسمەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىش لازىملىقىنى بىلدۈردى.
يىغىندا يەنە، لورېن كرېينېر، ئەركىن ئالپ تېكىن ۋە نۇرى تۈركەل سۆز قىلغاندىن كېيىن، ئاتاقلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم سۆزگە چىقىپ، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە كۆپ كۈچ چىقارغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىگە رەھمەت ئېيتتى ھەمدە ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق يولىدىكى كۆرەشلىرىنى ھەرگىزمۇ توختىتىپ قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر مۇراسىم يەنە، ئامېرىكىدىكى داڭلىق پارلامېنت ئەزالىسى توم لەنتوس، فرەنك ۋولف قاتارلىق ئەرباپلارنىڭ يېقىندىن قوللىشىغا ئېرىشكەن. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ۋاشىنگتوندا رابىيە قادىر خانىمنى كۈتىۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
- رابىيە قادىر ۋاشىنگتوندىكى ئايال ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- خىتاي دائىرىلىرى رابىيە قادىرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى سودا سارىيىنى ئاختۇردى
- رابىيە قادىر سودا سارىيىدىكى ئىككى نەپەر خادىم تۇتقۇن قىلىندى