رابىيە قادىر خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ نيو-يوركتىكى يىغىنىدا سۆز قىلدى
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ نيۇ-يوركتىكى شۆبىسى جۈمە كۈنى ئاتاغلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر ئۈچۈن مەخسۇس كۈتىۋىلىش مۇراسىمى ئۇيۇشتۇردى. يىغىندا سۆز قىلغان رابىيە قادىر، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈش تىرىشچانلىقىنى ماختىدى.
يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى مايكېل ئورېلى، رابىيە قادىرنى "پەۋقۇلئادە ئايال" دەپ تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ جاسارىتى ۋە ئەقىل پاراسىتىنى مەدھىيىلىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى بولغان رابىيە قادىر يىغىندا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ۋە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. شۇنداقلا ئۇ ئاخىرىدا، يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى. (پەرىدە)
©
2005 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى، ئەقىدە شىركىتىنىڭ خادىملىرىغا دەخلىي - تەرۇز يەتكۈزگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى
- رابىيە قادىرنى كۈتىۋېلىش مۇراسىمى غەلىبىلىك ئاياقلاشتى
- ۋاشىنگتوندا رابىيە قادىر خانىمنى كۈتىۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
- رابىيە قادىر ۋاشىنگتوندىكى ئايال ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى