رابىيە خانىم ئەركىن ئالىپتېكىن ۋە مەمتىمىن ھەزرەتلەر بىلەن مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2005.07.18
مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە مەمتىمىن ھەزرەت ئەپەندى ئىشتىراكچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېت يىغىنى، يەكشەنبە كۈنى ميۇنخىندا ئاخىرلاشتى.
رابىيە قادىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ ئەركىن ئالىپتېكىن ۋە مەمتىمىن ھەزرەتلەر بىلەن مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىدىكەن. يىغىندا مەمتىمىن ھەزرەت، چەتئەلدىكى بارلىق كۈچلەرنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەتراپىغا توپلىنىپ، داۋا تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئېچىشقا چاقىرغان. ئۇ، " دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى مىللىي مۇجادىلىنىڭ بىردىن بىر ۋەكىلى بولىۋاتىدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېت يىغىنى 15 - ئىيۇلدا باشلانغان ئىدى. قۇرۇلتايىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا تەكىتلىنىشىچە، يىغىننىڭ ئاخىرقى كۈندىكى مۇزاكىرە كۈنتەرتىپى قۇرۇلتاينىڭ كۈرەش ئىستراتېگىيىسى، ئىقتىسادى مەنبەئەسى، قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىنىڭ ۋەزىپە تەقسىماتى، ۋەتەن ئىچى بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق تېمىلارغا چېتىلغان. ئەمما قۇرۇلتاي باياناتىدا بۇ نىشانلارنى قانداق يىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىنمىغان. (ئەركىن)