ئەينەك ژورنىلى: خىتايغا قارشى ئاتلانغان "بۇرژۇئا ئىنقىلابچىسى"
2005.11.29
گېرمانىيىدە چىقىدىغان "ئەينەك" ژورنىلى 22 - نويابىردا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم توغرىسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، رابىيە قادىرنى خىتايغا قارشى كۈرەشكە ئاتلانغان مۇسۇلمان " بۇرجۇئا ئىنقىلاپچىسى" دەپ ئاتىدى. ماقالىدە " رابىيە قادىر خىتاي رەھبەرلىرىنى خەلقئارا كىشىلىك سوت مۇنبىرىگە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا" دەپ تەكىتلىگەن.
ماقالىدە ئەسكەرتىشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ 1997 - يىلى 3 - ئايدا خىتاي سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتىقى، خىتايغا "ئۇرۇش ئېلان قىلىش باياناتى" بولۇپ، بۇ رابىيە قادىر خانىم ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئادا - جۇدا بولۇشنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغان.
ماقالىدە ئاپتور، رابىيە قادىر خانىمنىڭ خەلق سارىيىدا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 4800 نەپەر ۋەكىلىگە " جۇڭگونىڭ شىنجاڭدا يولغا قويغان سىياسىتى توغرا ئەمەس ۋە ئادالەتسىزدۇر" دەپ خىتاپ قىلغانلىقىنى يازدى. ماقالىدە تەكىتلىشىچە، رابىيە قادىر خانىم يىغىندا " جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشى لازىم.
خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى توختىتىش كېرەك " دەپ ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە " ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، ئەدەبىياتى ۋە تىلىغا ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك" دەپ سۆزلىگەن.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، 1997 - يىلى 5 - فېۋرالدا خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ غۇلجا ياشلىرىنى باستۇرۇش ھەرىكىتى ئۇنىڭ سەۋر- تاقىتىنى تولدۇرغان ئاخىرقى تامچە بولۇپ قالغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر گوللاندىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى
- رابىيە قادىر ياۋروپادىكى 7 دۆلەتنى زىيارەت قىلىش سەپىرىنى باشلىدى
- رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيىبلىشىگە قايتا رەددىيە بەردى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى رابىيە قادىر ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلدى
- رابىيە قادىر، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات مەركىزىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى