ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر كوفىي ئاننانغا ئوچۇق خەت يازدى


2005.12.01

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى كوفىي ئانناننىڭ خىتاي زىيارىتى ھارپىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى ۋە ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى ئاننانغا ئوچۇق خەت ئەۋەتتى.

رابىيە قادىر خانىم كوفىي ئاننانغا ئەۋەتكەن خېتىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىدىن خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكىنىدە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئىسپات ۋە پاكىتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى مەسىلسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

رابىيە قادىر خانىم شۇنداقلا كوفىي ئانناندىن خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان سۆھبىتى جەريانىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر سىياسىي جىنايەتچىلەرگە قارىتىلغان ئۆلۈم جازاسىنى توختىتىش، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى توختىتىش، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يول قويۇش ۋە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي ئاققۇنلىرىنى يۆتكەشنى توختىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.