خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنى رابىيە قادىرغا سەھنە ھازىرلاپ بەرمەسلىككە چاقىردى
2005.12.15
ئاتاغلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئىسپاتلىق بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنى رابىيە قادىرغا سەھنە ھازىرلاپ بەرمەسلىككە چاقىردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، "ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رابىيە قادىرنىڭ خىتايدىن بۆلۈنۈشنى مەقسەت قىلغان پائالىيەتلىرىگە ۋە بۇ ھەقتىكى بايانلىرىغا سەھنە ھازىرلاپ بەرمەسلىكى كېرەك" دېگەن.
رابىيە قادىر چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى "تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش" تىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، "بۈگۈنكى كۈندە، بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز، تارىخىمىز ۋە تىلىمىزدىن باشقا، بىزنىڭ بۇ يەردە ئەزەلدىن بار بولغان مەۋجۇتلۇقىمىزمۇ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەھشى سىياسىتىنىڭ تەھدىتى ئاستىدا قېلىۋاتىدۇ" دېدى.
يىغىندا سۆز قىلغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئامېرىكا شۆبىسىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى ت. كۇمار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتايدىكى سىياسىي جىنايەتچىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان بىردىن-بىر جاي ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە، "ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج ۋ بۇش، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ كېلەر يىلنىڭ بېشىدا ئامېرىكىغا زىيارەتكە كېلىشتىن بۇرۇن، رابىيە قادىرنى ئاق سارايغا تەكلىپ قىلىشى كېرەك" دېدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي رابىيە قادىرنىڭ "ئەقىدە شىركىتى" دىكى ئىككى خادىمنى قويۇپ بەردى
- ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر كوفىي ئاننانغا ئوچۇق خەت يازدى
- ئەينەك ژورنىلى: خىتايغا قارشى ئاتلانغان "بۇرژۇئا ئىنقىلابچىسى"
- رابىيە قادىر گوللاندىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى
- رابىيە قادىر ياۋروپادىكى 7 دۆلەتنى زىيارەت قىلىش سەپىرىنى باشلىدى