رابىيە قادىر ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلارغا ئۇيغۇرلار دىنىي كرىزىسقا ئۇچرىماقتا دېدى


2006.08.04

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى رەھبىرى رابىيە قادىر يېقىندا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرىنى ئاساسىي تېما قىلغان بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى دىنىي ئەركىنلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل باش ئەلچى جون خانفرىد قاتارلىق ئەمەلدارلار بىلەن ئۇچراشقان رابىيە قادىر، خىتاي ھۆكۈمىتى قانۇنسىز دىنىي ئۇنسۇرلار ۋە پائالىيەتلەرنى باستۇرۇش نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە زەربە بېرىپ، ئوخشىمىغان قاراشتىكى دىنىي زاتلارنى تېررورچى، بۆلگۈنچى دىگەن ناملار بىلەن جازالاۋاتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىنىي زاتلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن تېخىمۇ جىددىي تۈس ئالغان. ئۇ،" خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى جىددىي دىنىي كرىزىسقا دۇچ كەلتۈرۈپ قويدى" دەيدۇ.

رابىيە قادىرنىڭ ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىغا تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دىنىي تۇرمۇش ۋە ئىسلامى پەرھىزلەرنى ئادا قىلىشتىن مەھرۇم قالدۇرۇشى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەخلاقىي چۆكۈشنى تېزلەتمەكتە. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەر يىلى بىر قېتىم ئېلان قىلىدىغان دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدىكى يىللىق دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خرىستئانلار ۋە فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغماقتا، دەپ تەنقىد قىلىپ كەلدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.