رابىيە قادىر بۇ يىل يەنە نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلدى


2007.02.02

ئۇيغۇر رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم نورۋىگىيە، شۋېتسىيە ۋە ئىتالىيىلىك ئەربابلار تەرىپىدىن بۇ يىل يەنە نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رابىيە قادىر خانىم بۇ يىلقى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىرى ئىچىدىكى فىنلاندىيىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ئاختىسارى، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ئەلگورلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئەڭ كۈچلۈك 3 نامزاتنىڭ بىرى، دەپ قارالماقتا.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈئەن ۋە مۇئاۋىن سېكرېتارى نۇر بەكرىلەر رابىيە قادىرنىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلىكىنى "كۈلكىلىك" دەپ ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن رابىيە قادىر بۇ يىلقى نامزاتلىققا شۋېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى ئانېكسېن خانىم شۇنداقلا نورۋىگىيە ۋە ئىتالىيە پارلامېنت ئەزالىرى ھەم نورۋىگىيە رافتو فوندى جەمئىيىتى قاتارلىق شەخس ۋە ئورگانلار تەرىپىدىن كۆرسىتىلدى. رابىيە قادىر خانىمنى ئۆتكەن يىلى شۋېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى ئانېكسېن خانىم كۆرسەتكەن.

نورۋىگىيە رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارنى لىنگائارت، رابىيە قادىر خانىمنى "بۇ يىل مۇكاپات ئېلىش ئېھتىمالى بار نامزاتلارنىڭ بىرى " دەيدۇ. ئۇ، بۇ يىلقى مۇكاپات 2008- يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئېچىلىشتىن بۇرۇن تارقىلىتىدىغان ئاخىرقى مۇكاپات. ئەگەر نوبىل كومىتېتى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلسە، ئۇ ھالدا رابىيە قادىر ناھايىتى كۆڭۈلدىكىدەك نامزات " دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ بىر تەتقىقاتچىسى يېقىندا خىتاي دائىرىلىرىنى "رابىيە قادىر دەۋرى" نىڭ يېتىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.