خىتاي دائىرىلىرى خىتاي چېگرىسى ئىچىدە "رابىيە قادىر" دېگەن ئىسىمنى ئاتىماسلىقنى تەلەپ قىلدى


2007.02.08

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ، بۇ يىللىق "نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتى" غا قايتا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلىشى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپلا قالماي، ئۇلارنى مەتبۇئاتلارنى قاتتىق كونترول قىلىش، ھەتتا خىتاي چېگرىسى ئىچىدە رابىيە قادىرنىڭ ئىسمىنى ئاتىماسلىق تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا مەجبۇرلىدى.

تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، رابىيە قادىر خانىم بۇ يىل "نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتى" غا قايتا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمى ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ياخشى تونۇپ، رابىيە قادىر ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ۋە مۇلاھىزە ئېلان قىلماسلىقىنى شۇنىڭدەك بۇنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىغان نازۇك بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر ، تەيۋەن ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېگەن": گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى رابىيە قادىر ھەققىدە ئېغىز ئاچماسلىق ھەققىدە قاتتىق چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، ئەمما كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار چەتئەل مەتبۇئاتلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ "نوبىل مۇكاپاتى"غا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، چەكسىز خوشاللىققا چۆمدى ۋە قاتتىق ھاياجانلاندى ھەمدە يوشۇرۇن ھالدا ئۆز ئۆيلىرىدە تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئېلىپ باردى"

مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم ئەركىنلىككە چىققان كۈندىن بېرى، خىتاي تۈرمىسىدىكى گۇناھسىز ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش يولىنى ئىزدەش ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئاشكارىلاش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ باردى. ئۇ، 2006 ‏- يىلى نوبىل مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلدى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئالىي ئورگىنى ھېسابلانغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا رەئىس بولۇپ سايلاندى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.