ئامېرىكا : جۇڭگو رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەك


2006.06.02

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان 3 پەرزەنتىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئالىغا جاۋاب بەرگەن باياناتچى، ئۇيغۇر رەھبىرىنىڭ 3 پەرزەنتى قولغا ئېلىنغانلىقىدىن ئامېرىكىنىڭ "چوڭقۇر ئەندىشە تۇيۇۋاتقانلىقىنى" بىلدۈردى.

تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى،" رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرى قولغا ئېلىنغانلىقىدىن ۋە بىر ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ پەرزەنتىنىڭ تاياق يىگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتىمىز" دەيدۇ. باياناتچىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان . ئۇ، " بىز ئەندىشىمىزنى خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا يەتكۈزدۇق ۋە ۋەقە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى شۇنداقلا رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى قانداق نام ئاستىدا قولغا ئالغان بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر قويۇپ بېرىشىنى قاتتىق تەلەپ قىلدۇق " دەپ كۆرسەتتى.

رابىيە قادىر ئائىلىسىنىڭ جۈمە كۈنى رادئىومىزغا ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى رابىيە قادىرنىڭ نەنسەنگە ئاپىرىمىز ، دەپ ئېلىپ ماڭغان نەۋرە ۋە جىيەنلىرىنى، قىزى روشەنگۈلنى ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ كېلىپ نەزەربەند ئاستىغا ئالغان. لېكىن ئوغۇللىرى ئالىم ئابدۇرېھىم ۋە ئابلىكىم ئابدۇرېھىملارنىڭ ھازىرغىچە ئىز دېرىكىنى ئالالمىغان. ساقچىلار ئالىم بىلەن ئابلىكىمنى پەيشەنبە كۈنى ئۇلانبايغا ئېلىپ بېرىپ ئۇرغان ۋە ئابلىكىمنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. لېكىن ساقچى تەرەپ ئۇنىڭ قايسى دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ باقمىدى. خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۇلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.