خىتاي رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتنى زەربە نىشانى قىلغانلىقىنى تەن ئالمىدى


2007.05.16

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى، سىياسى پائالىيەتچى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىشلىرى بىلەن قولغا ئالغانلىقىنى، بۇلارنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ سىياسى پائالىيىتى بىلەن ھېچقانداق چېتىشلىقى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقى 16 ماي بەرگەن خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇۋېي بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا : "رابىيەنىڭ مەسىلىسى بەك ئېنىق. رابىيە ئەسلىدە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان. ئۇنىڭ ھازىر ئامېرىكىدا داۋالىنىش جەريانىدا قىلىپ يۈرگەنلىرى ھەممە ئادەمگە ئايدىڭ" دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۈچ ئوغلىنى ھەر تۈلۈك جىنايەتلەر بىلەن سوتقا تارتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككىسىگە باج ئوغرلاش جىنايىتى، بىرسىگە بۆلگۈنچىلىك قىلىش جىنايىتى ئارتقان ۋە ئەقىدە شىركىتىنىڭ بانكا ھېساباتىنى توڭلاتقان ئىدى.

خۇ ۋېي مۇخبىرلارغا: "ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئائىلە مۈلكىگە كەلسەك، بىزنىڭ قارىشىمىز بەك ئېنىق ۋە بىز بۇ ھەقتە قانۇنى تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇق. روشەنكى ئەقىدە شىركىتىنىڭ باج ئوغرلاش قىلمىشلىرى بار." دېگەن.

2006- يىلى باھاردا رابىيە قادىر خېنىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتايغا رەئىسى بولۇپ سايلانغان مەزگىلدە، خىتاي ساقچىلىرى خانىمنىڭ تۆت پەرزەنتىنى قولغا ئالغان ۋە قاھار ئابدۇرېھىمغا جەرىمانە ئارتىپ قويۇپ بەرگەن، روشەنگۈل ئابدۇرېھىمنى نەزەربەنت ئاستىغا ئالغان، ئابلىكىم ۋە ئالىم ئابدۇرېھىملارغا ئايرىم- ئايرىم ھالدا 9 ۋە 7 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سىياسى پائالىيەتلىرىدىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى دەپ قارىغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ھالبۇكى، مۇخبىرلار، رابىيە قادىر خانىم ئوغۇللىرىنىڭ جازاغا تارتىلىشىدا، رابىيە قادىر خانىم چەتئەلدە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسى پائالىيەتلەرنىڭ چېتىشلىقى بار يوقلىقى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا، بۇ خىتاي ئەمەلدارى: "ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. بىز ئۇلارغا قانۇنغا ئاساسەن جازا بەردۇق دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئەمما ئۇ، رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە سورالغان باشقا سوئاللارغا جاۋاپ بېرىشنى رەت قىلغان. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.