رابىيە قادىر خانىمنىڭ " ئۇيغۇرلارنىڭ پەريادى " ناملىق ماقالىسى ئامېرىكا مەتبۇئاتىدا ئېلان قىلىندى


2007.11.22

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئامېرىكىدا چىقىدىغان داڭلىق " ۋال سىتىرىت ژۇرنال" گېزىتىدە مۇلاھىزە ئېلان قىلىپ، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ 2008‏- يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا ساھىپخانلىق قىلىش ھوقۇقى بېيجىڭغا بېرىلگەندە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدا قىلغان ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىم، 22‏ - نويابىر كۈنى ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە، قەشقەر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ 8‏- نويابىر كۈنى، 2008‏ - يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا بىر يىلدىن ئاز ۋاقىت قالغان بىر مەزگىلدە، 6 نەپەر ئۇيغۇرنى تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان دەپ ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ 3 ىگە ئۆلۈم جازاسى، ئىككىسىگە كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسى ۋە بىرىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەنلىكىنى، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنىڭ جانلىق ئىسپاتى دەپ، كۆرسەتتى.

مۇلاھىزىسىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇخبىرلارنى تۇتۇپ-قاماپ، خەلىقنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىپ ۋە چەكلەپ، ھۆكۈمەتكە قارشى ھەر قانداق نارازىلىق ھەرىكىتىنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقى، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ 1955‏- يىلى شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغىنىدەك 2001‏- يىلى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا بەرگەن ۋەدىسىدىمۇ تۇرمىغانلىقىنىڭ ئوچۇق ئىپادىسى دەپ، تەكىتلىگەن. (ئەقىدە‏)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.