رابىيە قادىر، خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2005.04.12
كىشىلىك ھوقۇقپەرۋەر زات رابىيە قادىر سەيشەنبە كۈنى بېرىتانىيە ئاخبارات تورى ب ب س نىڭ تېلېۋىزىيە پروگراممىسىغا قاتنىشىپ، تۈرمىدىكى جەريانىمدا تەن جازاسىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ۋاقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم شۇنداقلا مەن خەلقىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئازاتلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن، دەپ كۆرسەتتى.
رابىيە قادىرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ تۈرمىدە تەن جازاسىغا ئۇچرىمىغان، ئامما ئۇ ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ تاياق ئازابىغا چىدىماي ۋاقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان." ئۇ، بىر كۈنى تۈرمە سوراقخانىسىنىڭ كارىدورىدا بىر ياش مەھبۇس بىلەن ئۇچرىشىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ " ئانا، سەن بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسەن؟ " " بىز ساڭا ئوخشاش ئانىلار ئۈچۈن تۈرمىگە كىرىۋاتىمىز،" دەپ خىتاپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇرلاردا 7 ياشتىن 70 ياشقىچە كىشىلەر مۇستەقىللىقنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ئامما ھېچكىم بۇنى ئاشكارە سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمايدىكەن. دۇنيادا مۇستەقىللىقنى خالىمايدىغان مىللەت ياكى دۆلەت يوقلىقىنى تەكىتلىگەن رابىيە قادىر، " ئامما ھازىر مەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن، ئەگەر بۇ نەرسىلەر مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئارزۇسىدىكى نەرسىلەر بولسا، ئۇلار بۇ نەرسىگە تىنچ يوللار بىلەن ئېرىشىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.
رابىيە قادىر، 1999 - يىلى 3 - ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن. 17 - مارت كۈنى تۇيۇقسىز قويۇپ بېرىلگەن شۇنداقلا شۇ ئامېرىكىغا سۈرگۈن قىلىنغان ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر، ئامېرىكا مەملىكەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىدە سۆز قىلدى
- رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، ئۇيغۇر ئېلىدە باھار بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ
- "ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" رابىيە قادىرنى تونۇشتۇردى
- رابىيە قادىر ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى زىيارەت قىلدى
- رابىيە قادىر قولغا ئېلىنىش سەۋەپلىرى ھەققىدە توختالدى