رابىيە قادىر خانىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتناشتى
2007.03.27
3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى، داڭلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم، شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئېچىلىۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىللىق يىغىغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
رابىيە قادىر خانىم، كېڭەش تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى مۇھاكىمە يىغىنىدا تەكلىپ بىلەن سۆزگە چىقتى ۋە خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى، دىنىي ۋە ئېرقىي كەمسىتىش، سىياسىي مەھبۇسلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئۆلۇم جازالىرى، ئەيدىز كېسىلى، ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش باھانىسى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۈركۈملەپ توشۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي يۇرتلىرىدىكى بىچارە ئەھۋالى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاشار قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ خىتايدا ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە يەتكۈزدى.
بۇ يىغىنغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 47 دۆلەت ۋەكىللىرى ۋە خەلقئارادىكى بارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى قاتناشقان بولۇپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ بايانلىرى يىغىن ئەھلىنىڭ كۈچلۈك دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى. ئۇلار رابىيە قادىر خانىمدىن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا مۇھىم سوئاللارنى سوراشتى.
يىغىنغا يەنە، بىر تىبەت ۋەكىل ۋە بىر خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىمۇ قاتناشقان. بۇ يىغىن بۇ 2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى باشلانغان بولۇپ، 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تۈگەيدۇ. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خەلقئارا تەشكىلاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇردى
- رابىيە خانىم ئەركىنلىك جەڭچىسى ۋاسلاۋ خاۋىل ئەپەندىنى تەبرىكلىدى
- بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاينىڭ غەربىدىكى نامرات رايونلارنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن قەدەم تاشلىدى
- رابىيە قادىر خانىم ياۋروپا پارلامىنتىغا خەت يېزىپ نىرج دېۋا ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلىرىغا رەددىيە بەردى
- "رابىيە قادىر دەۋرى" خىتايلارنى چۆچۈتتى