رابىيە قادىر ياۋروپادىكى 7 دۆلەتنى زىيارەت قىلىش سەپىرىنى باشلىدى


2005.10.04

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر، سەيشەنبە كۈنى ياۋروپادىكى گوللاندىيە، دانىيە، شۋېتسىيە، نورۋىگىيە، شۋېتسارىيە، بېلگىلىيە ۋە ليۇكسىمبۇرگ قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىش سەپىرىنى باشلىدى.

گوللاندىيە، رابىيە قادىرنىڭ زىيارەت سەپىرىنىڭ تۇنجى بېكىتى بولۇپ، رابىيە قادىر ياۋروپادىكى ئۈچ ھەپتىلىك زىيارىتى جەريانىدا بۇ دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ب د ت ئەمەلدارلىرى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدىكى زاتلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ.

رابىيە قادىر، نورۋىگىيىدە رافتو فوندى جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلىدىكەن. نورۋىگىيە ئۇنىڭ ياۋروپا سەپىرىدىكى ئەڭ مۇھىم بېكەتلەرنىڭ بىرى.

رابىيە قادىر رافتو فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن. نوبىل جەمئىيىتى تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ لائۇرىياتىنى 7 - ئۆكتەبىردە ئېلان قىلىدۇ.

بۇ زىيارەتنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىرغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ ياۋروپادىكى پائالىيەتلىرىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا يۇقىرىقى دۆلەتلەر ۋە تەشكىلاتلارغا كۈچلۈك بېسىم ئىشلەتكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.