رابىيە قادىر گوللاندىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى


2005.10.07

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر، ياۋروپادىكى 3 ھەپتىلىك زىيارىتىنىڭ بىرىنچى بېكىتى گوللاندىيە زىيارىتىنى جۈمە كۈنى ئاخىرلاشتۇردى. ئۇنىڭ ياۋروپا زىيارىتىنىڭ 2 - بېكىتى دانىيە. ئۇ، دانىيىدىكى زىيارىتىنى شەنبە كۈنى باشلايدۇ.

رابىيە قادىر گوللاندىيىدىكى زىيارىتى جەريانىدا پەيشەنبە كۈنى " خىتايدىكى ئۇنتۇلغان ئاز سانلىقلار" دېگەن تېمىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى تونۇشتۇردى. ئۇ، شۇ كۈنى ئامستېردامدا گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە گوللاندىيە پارلامېنتىدىكى ئەرباپلار بىلەن "مۇھىم مەسىلىلەر" بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارغان. ئەمما ئۇ، سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى.

رابىيە قادىر، گوللاندىيىدىكى سەپىرىنىڭ ئاخىرقى كۈنى گوللاندىيە سودا ساھەسىدىكىلەر بىلەن ئۇچراشتى ۋە بۇ يەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار بىلەن بىر ئارىغا كەلدى. ئۇ، شەنبە كۈنى دانىيە پايتەختى كوپېنھاگېنغا بارىدۇ. رابىيە قادىر، كوپىنھاگېندىكى زىيارىتى جەريانىدا دانىيە ئاخبارات ساھەسى ۋە دانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىدىكەن.

رابىيە قادىر خانىم بۇ يىلقى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيە ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى ئەل بارادايغا بېرىلگەنگەنلىكىنى ئامىستېردامدا ئاڭلىدى. رابىيە قادىر، نوبېل مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلار تىزىملىكىدىكى ئەڭ كۈچلۈك نامزاتلارنىڭ بىرى، دەپ قارالماقتا ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن مەيۈسلەنمەيدىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.