رابىيە قادىر خانىم گېرمانىيىدە ئۇيغۇر مۇھاجىرلار تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىندى
2005.07.15
ئاتاغلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر جۈمە كۈنى ئەتىگەندە گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھرىدىكى خەلقئارا ئايدۇرۇمغا يېتىپ كېلىپ، مەزكۇر دۆلەتتىكى بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى باشلىدى.
رابىيە قادىر، ئايرودرومدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ماختىدى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى ئىتتىپاقلىققا ۋە بىرلىككە چاقىردى. رابىيە قادىر گېرمانىيىدىكى يۈزلەرچە ئۇيغۇر مۇھاجىرلار تەرىپىدىن ئايرودرۇمدا داغ - دۇغا بىلەن كۈتۈۋېلىنغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن شۇنداقلا مەمتىمىن ھەزرەتلەر، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە مەركىزى گېرمانىيىدىكى خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى ئايرودرومدا ھازىر بولدى. بۇ مەمتىمىن ھەزرەتنىڭ 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئاممىۋى سورۇنغا چىقىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
رابىيە قادىر خانىم جۈمە كۈنى كەچتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىنىڭ 2- نۆۋەتلىك كېڭەيتىلگەن يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى قاتناشقان ۋە يىغىن ئەھلىگە سۆز قىلغان. يىغىندىن كېيىن، رابىيە قادىر خانىمنىڭ شەرىپىگە زىياپەت بېرىلگەن.
رابىيە قادىر خانىم ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئىچىدە گېرمانىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر، گېرمانىيىدىكى خەلقئارا ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ئۇچرۇشىدىكەن.
ئىگىلىشىمىزچە خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىرنىڭ گېرمانىيىدىكى زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن بېرلىن دائىرىلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. رابىيە قادىر ميۇنخېنغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، گېرمانىيە ئامانلىق دائىرىلىرى ساقچىلارنى ئەۋەتىپ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- 2005 -يىللىق "دېموكراتىيە" مۇكاپاتى 3 نەپەر ئافغانىستانلىققا بېرىلدى
- رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر ئەنگىلىيىگە يېتىپ باردى
- ئاتاغلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر ئەنگىلىيە زىيارىتىنى باشلىدى
- رابىيە قادىر، چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ۋاكلاۋ خاۋېل بىلەن كۆرۈشتى