د ۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم گېرمانىيىدىكى زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا


2007.10.21

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم گېرمانىيىدىكى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. رابىيە قادىر خانىم، 19-ئۆكتەبىر كۈنى ميۇنخېندىكى د ئۇ ق باش شىتابىدا د ئۇ ق نىڭ ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئاڭلاپ، يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە 21- ئۆكتەبىر كۈنى ھامبۇرگ شەھىرىدىكى گېرمانىيە خەلق سەنئىتى مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى پائالىيىتىگە قاتناشقان.

Rabiye_kitapA-200.jpg
رابىيە قادىر خانىم گىرمانىيىدىكى قوللىغۇچىىلارغا ئىمزا قويۇپ بەرمەكتە. UAA Photo

گېرمانىيىدىكى ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ھۆكۈمەت خادىملىرى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىققۇچىلاردىن بولۇپ، 400 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان بۇ پائالىيەت ئۈچ بۆلەككە بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بىرىنچى بۆلىكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ، مەدەنىيىتى، كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلىرى تونۇشتۇرۇلغان بولسا، ئىككىنچى بۆلىكىدە ئۇيغۇر مىللىي ناخشا-مۇزىكىلىرى ۋە ئۇسۇللىرى كۆرسىتىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتى نامايەن قىلىنغان. ئۈچىنچى بۆلۈكى سۈپىتىدە خەلق سەنئىتى مۇزىيىنىڭ چوڭ زالىدا گېرمانىيىگە تونۇلغان رىياسەتچىنىڭ بىۋاسىتە رىياسەتچىلىك قىلىشى ئاستىدا، يېقىندا گېرمان تىلىدا نەشىر قىلىنغان، رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەرجىمھالىغا ئائىت كىتابنىڭ بەزى جايلىرى ئوقۇپ تونۇشتۇرۇلغان.

شۇنداقلا، پاالىيەتتە رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ تەرجىمھالىغا ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيىتى ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، پائالىيەت قاتناشقۇچىلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھەم تۈرلۈك مەسىلىلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن.

مەزكۇر مەدەنىيەت پائالىيىتى ئەمەلىيەتتە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ھەمدە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشنى ئاساسىي مۇددىئا قىلغان بولۇپ، گېرمانىيىنىڭ نەچچىلىگەن تېلېۋىزىيە، گېزىت-ژۇرناللىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئايرىم سۆھبەتلەر ئۆتكۈزگەن . نەتىجىدە ، رابىيە قادىر ۋە ئۇيغۇرلار يەنە بىر قېتىم گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ مۇھىم تېمىسىغا ئايلاندى. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.