رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنغان كىتابنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىملىرى داۋاملاشماقتا
2007.06.21
د ئۇ ق نىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنغان كىتابنىڭ نەشردىن چىقىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مۇراسىملار گېرمانىيىدە داۋاملاشماقتا.
گېرمانىيىلىك ئاتاقلىق يازغۇچى ئالېكساندىرا كاۋىلۇئىس خانىمنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت سىڭدۈرگەن جاپالىق ئەجرى بەدىلىگە ۋۇجۇتقا كەلگەن مەزكۈر كىتاب گېرمانىيىدىكى ئەڭ مەشھۇر خېنېي نەشرياتىدا نەشر قىلىنىپ كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
رابىيە قادىر خانىم ، كىتاپنىڭ نەشر قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن بېرلىن ۋە مۇنخېن شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملاردا سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مىللەت سۈپىتىدە يوق بولۇش خەتىرىگە دۇچ كېلىۋاتقان، ئۆزلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق پاجىئەلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن يېزىلغان بۇ كىتابنىڭ ، يالغۇز ئۆزىنىڭ شەخسي كەچۈرمىشلىرى بولۇپ قالماستىن، بىر مىللەتنىڭ ، بىر ۋەتەننىڭ ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مۇراسىملارغا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى دىرك پلېيتېر ئەپەندى ۋە گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى كلائۇدىيا روتخ خانىم قاتناشتى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىش - ئىزلىرىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، خىتاينىڭ 11 - سېنتەبىر كۈرىشىدىن پايدىلىنىپ، تېنچ يوسۇندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قارىلاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىغا، گېرمانىيىدىكى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت ژورناللارنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭدىن سىرت رابىيە قادىر خانىم يەنە 50 تىن ئارتۇق مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
رابىيە قادىر خانىم 22 - ئىيۇن كۈنى، كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن شۋېتسىيىنىڭ پايتەختى بەرن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمغا قاتنىشىدۇ. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەكلىماكاننىڭ ئۆمۈرى ھەققىدە يېڭى نەتىجە مەيدانغا كەلدى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىئوگرافىيىسى گېرمانىيىدە نەشىر قىلىندى
- پرېزىدېنت بۇشنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا بەرگەن باھاسى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ پراگادىكى زىيارىتى غەلىبىلىك بولدى
- رابىيە خانىمنىڭ خىتاي گۇندىپايلىرى ھەققىدىكى ئوبزورى 'ۋولت سترىت ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلىندى
- رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىدىكى ئىككى ئالى مەكتەپتە ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەردى
- خىتاي رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئائىلىسىدىن ئۆچ ئالغانلىقىنى رەت قىلدى
- خىتاي رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتنى زەربە نىشانى قىلغانلىقىنى تەن ئالمىدى
- رابىيە قادىر خانىم بوستوندىكى ماساچۇسسىت تېخنىك ئىنىستىتۇتىدا (MIT) لىكسىيە سۆزلىدى