رابىيە قادىر خانىم نوبىل مۇكاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى


2006.09.11

ئەركىنلىكنى ئارزۇ قىلىۋاتقان خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئۆزلىرى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشى كېرەك دەپ تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم كېلەر قېتىملىق نوبىل مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى. 'ئامېرىكا ئاۋازى'نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر ئامېرىكىدا كۆچمەنلىك ھاياتىنى باشتىن كۆچۈرۈۋاتقان رابىيە قادىر خانىمنى نوبىل مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن شىۋېتسىيە پارلامىنتى ئەزاسى ئاننېلىي ئېنوكسون خانىم 'رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 8 مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاھالىسى ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىسى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى ئۆزلىرى ئەركىن داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك دەپ تەشەببۇس قىلىپ كەلمەكتە. رابىيە قادىر خانىم ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسىغا ئوخشاش ئوبرازغا ئىگە. ئۇنى ئەمدى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرىدىغان ئاۋازىنىڭ ۋەكىلىگە ئايلاندۇرۇش ناھايىتى مۇھىم'دېگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، نورۋىگىيىدىكى نوبىل مۇكاپاتى ئىنىستىتوتىنىڭ باشلىقى گېئىر لۇندېستاند ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ ، بۇ يىل 2 ‏- ئاينىڭ 1 ‏-كۈنىدىن بۇرۇن نوبىل مۇكاپاتىغا كۆرسىتىلگەن 191 نەپەر كاندىداتنىڭ ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. بۇ ئىنىستېتوت نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشدىغان كىشىنى 10 ‏- ئاينىڭ 13 ‏- كۈنىدىن بۇرۇن 5 قېتىم يىغىن ئېچىپ باھالايدىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ يىلقى نوبىل مۇكاپاتى مۇراسىمى 12 ‏- ئاينىڭ 10 ‏-كۈنى ئۆتكۈزىلىدىكەن. رابىيە قادىر خانىم 2004 ‏- يىلى رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى. ئەگەر بۇ قېتىم رابىيە خانىم نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشسە، ئۇ دۇنيا بۇيىچە نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن 12 ‏- ئايال بولۇپ قالىدۇ.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئورگىنى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دېلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، رابىيە خانىمنىڭ نوبىل مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەنلىكى ئاسىيادىكى مۇسۇلمان قىز - ئاياللارنىڭ ئۆز ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشى ئۈچۈنمۇ زور دەرىجىدە ئىلھام بولماقتا. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.