رابىيە قادىر نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى بولدى

0:00 / 0:00
rebiya-kadeer.jpg
رابىيە قادىر خانىم خىتاي تۈرمىسىگە كىرىشتىن بۇرۇن

11 - سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ بەش يىللىقى خاتىرىلىنىۋاتقان كۈنى شىتابى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى ھەم خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ 2006 - يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەنلىكى شۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئاننېلىيە ئېنوچسون تەرىپىدىن خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا ئېلان قىلىندى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئاننېلىيە ئېنوچسون رويتېرسگە بەرگەن مەلۇماتىدا ئۆزىنىڭ رابىيە قادىرنى نوبېل مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، "رابىيە قادىر خىتاينىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش چېمپىيونى ۋە خىتايدىكى ئەڭ ئاتاقلىق ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ بىرى" دەپ باھا بەرگەن.

ئاننېلىيە ئېنوچسون يەنە ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، رابىيە قادىرنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا لايىق ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ "شىنجاڭ رايونىدا سەككىز مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدۇ، ئۇلار داۋاملىق تۈردە ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىلىرى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىنى تىرىشىپ قوغدىماقتا. رابىيە قادىر ئۇلارنىڭ ئانىسىغا ئوخشاش. مېنىڭ قارىشىمچە، ئۇنىڭ سەككىز مىليون ئۇيغۇرنىڭ تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى سۆزچىسى ( ۋەكىلى) قىلىنىشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر" دېگەن.

مۇكاپات ساھىپلىرىنىڭ ئىسمى 13 - ئۆكتەبىر كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ

نورۋېگىيىدىكى نوبېل ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى گېئىر لۇندەستاد بۇ يىل 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە 191 كىشىنىڭ نوبېل مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كورىسىتىلگەنلىكىنى، بۇ كۈندىكى يىغىندا 30 دىن 40 قىچە كىشىنىڭ تاللىنىپ، بۇلار ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ھازىرلانغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە 10 ئادەمنى رەسمىي تاللايدىغانلىقىنى، 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنىڭ تىزىمىنىڭ رەسمىي ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 1901-يىلىدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا نوبېل مۇكاپاتى ئالغانلارنىڭ ئىچىدە 12 نەپەر ئايال بار ئىكەن.

رابىيە قادىر خانىم- بۇ شەرەپ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىغە مەنسۇپ

رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ بۇ قېتىم يەنە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات بولغانلىقىدىن خۇشاللانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ شەرەپنىڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىغە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

rafto_award_200.jpg
2005 – يىلى 26 – يانۋار كۈنى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يولدىشى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى ۋە قىزى ئەقىدە ئەينى ۋاقىتتا خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان رابىيە قادىر خانىمغا بېرىلگەن رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى گۇۋاھنامىسىنى مەزكۇر فوندى جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ئارنې لىنگارددىن ئالدى. RFA

رابىيە قادىر خانىمنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەنلىكىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي دەۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىشىدا شۇنىڭدەك ئۇنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، ئەگەر رابىيە قادىرنىڭ بۇ مۇكاپاتقا سازاۋەر بولسا، ئۇيغۇر سىياسىي داۋاسىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى 90 مىڭ دوللار ياردەمگە ئېرىشتى

تېخى بۇنىڭدىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى رابىيە قادىرنىڭ رەھبەرلىكىدىكى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ يىللىق پائالىيىتى ئۈچۈن 90 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ، ئامېرىكا، ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن يەنە بىر ئۇيغۇر ئورگىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. رابىيە قادىر خانىم مەزكۇر ياردەم ھەققىدە ئۆز كۆز قارىشىنى شەرھلەپ بۇ ياردەم پۇلىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

رابىيە قادىر خانىم 2004 - يىلى خەلقئارالىق رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، مەزكۇر مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنىڭ تۆتى نوبېل مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولغان ئىكەن.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۈچ پەرزەنتىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە سولىنىشىدىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، خەلقئارالىق ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل توم لانتوس باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم ئەزالىرىمۇ خىتاينى بۇ مەسىلىدە تەنقىد قىلغان ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا رابىيە قادىر بۇ قېتىمقى نامزاتلار ئىچىدىكى بىردىن بىر پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. لېكىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭدىن نارازى بولۇپ، "بۇ جۇڭگو ئۇيغۇرلىرىغا ۋەكىللىك قىلىشقا مۇناسىپ ئەمەس ئادەم" دېگەن. ئەمما، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى رابىيە قادىرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئاۋازىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەكتە. (ئۈمىدۋار)