خىتاي رابىيە قادىرغا نوبىل تىنلىق مۇكاپاتى بەرمەسلىك توغرىسىدا نورۋىگىيىنى ئاگاھلاندۇرغان


2006.09.22
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

نورۋىگىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان نورۋىگىيە تاشقىي ئىشلار ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ئەگەر نوبىل مۇكاپاتى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى ئاۋانگارت زات رابىيە قادىرغا بېرىلسە، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

"ئوسلو كەچلىك پوچتا گېزىتى"، خىتاي مۇئاۋىن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى جاڭ سۈييۈينىڭ پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا نورۋىگىيە زىيارەت ئۆمىكىگە، ئەگەر بۇ مۇكاپات رابىيە قادىرغا بېرىلسە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە " دەز كېتىدۇ" دەپ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. لېكىن بۇ ئاگاھلاندۇرۇش نورۋىگىيە دائىرىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

نورۋىگىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت سېكرىتارى رېيموند جوخانسېن جۈمە كۈنى خىتاينىڭ تەھدىتىنى "قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان" ۋە " نامۇۋاپىق" ھەرىكەت، دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ، نوبىل مۇكاپات جەمئىيىتىنىڭ ھۆكۈمەتكە بېقىنمايدىغان ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئورگان ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نورۋىگىيە مەتبۇئاتلىرى خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى ناتسىستلار گېرمانىيىسىنىڭ 1935 - يىلدىكى ھەرىكىتى بىلەن سېلىشتۇرماقتا. 1935 - يىلى ناتسىستلار گېرمانىيىسى نوبىل مۇكاپات جەمئىيىتىدىن بۇ مۇكاپاتنى گېرمانىيىلىك كارل فون ئوسسىتزىيغا بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مۇكاپاتنىڭ ئوسسىتزىيغا بېرىلىشىنى توسىيالمىغان. بۇنىڭغا غەزەپلەنگەن گېتلىر گېرمانىيىلىكلەرنىڭ نوبىل مۇكاپاتى ئېلىشىنى چەكلىگەن ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.