رابىيە قادىر خانىم مۇھەممەت يۇنۇسنى تەبرىكلىدى
2006.10.13
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە 2006- يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى رابىيە قادىر خانىم، نورۋىگىيە نوبىل كومىتېتى تەرىپىدىن بۇ يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇپاكاتىغا لايىق كۆرۈلگەن بېنگاللىق بانكىچى مۇھەممەت يۇنۇسنى تەبرىكلىدى.
رابىيە خانىم، جۈمە كۈنى نوبىل كومىتېتى 2006- يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ مۇھەممەت يۇنۇسقا بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بىر بايانات ئېلان قىلىپ، 2006- يىللىق نوبىل مۇكاپاتىنىڭ مىليونلىغان كىشىنى كەمبەغەللىكتىن قۇتقۇزغان مۇھەممەت يۇنۇسقا بېرىلگەنلىكىنى چىن يۈرىكىمدىن تەبىرىكلەيمەن، دېدى.
2006- يىللىق نوبىل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئۆزى ھەمدە ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن بىر شەرەپ دەپ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بۇنىڭدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن رابىيە قادىر خانىم، نوبىل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلىكىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇتۇشتا بىباھا رول ئوينىغانلىقىنى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىدە دۇنيادا يېڭى دوستلارنى تىپىشى ئۈچۈن تىپىلماس بىر پۇرسەت ياراتقانلىقىنى بىلدۈردى.
رابىيە قادىر خانىم باياناتىدا، نوبىل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلىكىم ھەمدە خەلقئارادا پەيدا بولغان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاش دولقۇنىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىز بىلەن بىر دىئالوگ قۇرۇشقا زورلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.
دۇنيا مەتبۇئاتى ھەمدە نۇرغۇنلىغان تەتقىقات ئىنستىتۇتلىرى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، فىنلاندىيىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ئاستىھارىنى 2006- يىللىق نوبىل مۇكاپاتىنى ئېلىش ئېھتىماللىقى ئەڭ كۈچلۈك بولغان نامزاتلار دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
لېكىن نوبىل كومىتېتى جۈمە كۈنى بۇ يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇپاكاتىنىڭ بېنگاللىق بانكىچى مۇھەممەت يۇنۇسقا بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىدى. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا
- نوبىل مۇكاپاتى دۈشەنبە كۈندىن ئېتىبارەن ئېلان قىلىنىشقا باشلايدۇ
- خىتاي رابىيە قادىرغا نوبىل تىنلىق مۇكاپاتى بەرمەسلىك توغرىسىدا نورۋىگىيىنى ئاگاھلاندۇرغان
- رابىيە قادىر، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان رايى سىناشتا كۆپ ئاۋازغا ئېرىشتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق يىتەكچىسى رابىيە قادىرغا ھۇجۇم قىلدى