رابىيە قادىر خانىم 2008- يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى


2008.03.03

نورۋېگىيە نوبېل جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، 2008- يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىرىنىڭ تىزىملىكى تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، بۇ يىللىق 197 نەپەر نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىرىنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىممۇ ئورۇن ئالدى.

نوبېل مۇكاپاتى جەمئىيىتىنىڭ ئاخباراتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نوبېل جەمئىيىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىگە كىشىلىك ھوقۇق، مۇھىت پائالىيەتچىلىرىمۇ كىرگۈزۈلۈپ كەلمەكتە.

بارلىقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا بېغىشلىغان رابىيە قادىر خانىم، 2005- يىلى غەرىب دۆلەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن بۇيان، ھەر يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ھەر يىلى ئەڭ كۈچلۈك نامزاتلارنىڭ بىرسى بولۇپ ساقلانماقتا.

نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبلىقىغا ئېرىشىش بۇيىچە رابىيە قادىر خانىم بىلەن رىقابەتكە چۈشكەنلەر ئىچىدە، 2006- يىلىدا بانگىلادىشىلىق بانكىر مۇھەممەد يۇنۇس ۋە 2007- يىلدا يەر شارى خاراكتېرلىك ئىسسىپ كېتىش ھادىسىسى ئۈستىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ئال گورە ئەپەندى قاتارلىقلار بار.

رابىيە قادىر خانىم، 2005- يىلىدىن بۇيان نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل خانىمنىڭ 4- قېتىم مەزكۇر مۇكاپات نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىشى.

رابىيە قادىر خانىم 2007- يىلىدا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا كۆرسىتىلگەن ئەڭ كۈچلۈك ئاخىرقى بىر نەچچە نامزاتنىڭ بىرسى بولۇپ تاللانغان بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرىدا بۇ شەرەپ ئۇيغۇرلارغا نېسىپ بولماي قالغان ئىدى.(جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.